ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى مۇستەقىللىققە تەييار تۇرۇشى لازىم ( 9 )

تارىختا ئۆتكەن مىللىي رەھبەرلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم ( 9 )

م. سايرامى

تارىختا ئۆتكەن مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىز ۋە مىللىي رەھبەرلىرىمىزگە باھا بېرىشتە دۇنيادا بىزدەك زىددىيەت ۋە ئىختىلاپقا تولغان مۇرەككەپ چۈشەنچىگە ئىگە باشقا بىر مىللەت بولمىسا كېرەك. مىللىي رەھبەرلىرىمىزگە باھا بەرگەندە، خەلقىمىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ شەخسى چۈشەنچىسى بويىچە باھا بېرىشكە ئالدىراپ كېتىمىز.
ئۆتمۈشتىكى مىللىي رەھبەرلىرىمىز ۋە ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللىي رەھبىرىمىز ھەققىدە ھازىرمۇ ھەم ئىزچىل تۈردە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئورۇنسىز تالاش – تارتىشلار، دۇنيا قاراش ۋە مىللىي قىممەت قارىشى جەھەتتە ئىچكى قىسمىمىزدا ئېغىر دەرىجىدە چېچىلاڭغۇلۇق ۋە ئىختىلاپلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا. چۈشەنچ ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى بۇخىل توقۇنۇش، تەبىي ھالدا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا ۋە خەلقىمىزنىڭ بىرلىك – ئىتتىپاقلىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە سەلبى تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە.
بۇيەردە مەن ئاساسلىقى، 33 – 44 – يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلاۋىمىزغا باشلامچىلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلغان مىللىي  رەھبەرلىرىمىز ۋە مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا بولغان باھا ۋە پوزىتسىيە مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن.
ئىلگىرىكى بەزى رەھبەرلىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن بۇ جەھەتتە 1949 – يىلىدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا مۈجىمەللىك ۋە تۇراقسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى، بۇنىڭ زىيىنىنى ھازىرقى ئەۋلات مىللىي كۈرەشچىلىرىمىز تارتىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر شۇ دەرىجىدە ئەسەبىلىشىپ كەتتىكى، ئىلگىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرسە، يەنە بىرىگە گۇمان ۋە ئىنكار قىلىش نەزىرى بىلەن قارايدۇ.
مەسىلەن، مەن 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەتەندىن مەلۇم بىر دۆۋلەتكە يېڭى چىققان ۋاقتىمدا ناھايىتى غەلىتە ۋە ئېچىنىشلىق بىر مەنزىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم. بەزى رەھبەرلىرىمىزنىڭ، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئىشخانىلىرىغا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىللىي رەھبەرلىرىمىز قاتارىدا پەقەتلا سابىت داموللام بىلەن ئەلىخان تۆرەمنىڭ رەسىملىرى           ئېسىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭكىگە خوجانىياز ھاجى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان؛
يەنە بەزىلىرىنىڭكىگە پەقەتلا سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەپەندىمنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭكىگە پەقەتلا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئىساقبەگ ۋە دەلىلقانلارنىڭ رەسىمى ئېسىلغان …
دېمەك، ھەممىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاپ بەكىتىۋالغان بىر مىللىي رەھبىرى ۋە مىللىي ئىنقىلاپچىسى بار، بىر – بىرىنىڭكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاغادا بىر باھانە – سەۋەپلىرى ۋە قاتمال ئىزاھاتلىرى بار.  بەزىلەر خوجا نىياز ھاجىنى، « سابىت داموللامنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەن مىللىي ساتقۇن » دەپ تىللىسا، يەنە بەزىلەر ئەخمەتجان قاسىمىنى، « ئەلىخان تۆرەمنى رۇسلارغا سېتىۋەتكەن قىزىل قۇيرۇق كوممۇنىست » دەپ تىللىشىدۇ.
ئادەتتىكى نورمال قېرىنداشلىرىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا خېلى كۆپ سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزمۇ يوقۇرقىدەك تارىخىي قەھرىمانلىرىمىزغا باھا بەرگەندە، ئەينى چاغدىكى رىيال ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان تارىخىي نۇقتىنەزەر بويىچە ئەمەس، بەلكى ھازىرقى دۇنيا قارىشى بويىچە باھا بېرىشكە ئالدىراپ كېتىدۇ. بەزىلەر بىرئاز يۇرتۋازلىقنى، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ شەخسى ئىدىلوگىيەنىسى ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ، بۇخىل خاتا ئېقىم نۆۋەتتە مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھېساپلانغان ياشلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ھەتتا زەھەرلەش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
ئادەتتە سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بولسا ئەينى چاغدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە ۋارىسچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېغىزلىرىدىن چۈشەرمەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى مىڭ بىر جاپا – مۇشەققەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان ۋە بىزگە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنىڭ سىموۋۇلى ھىساپلانغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە گۇمان تۇيغۇسى بىلەن قارىشىدۇ. سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ئارىسىدىكى بۇخىل كېسەللىك پەيدىن – پەي ئاۋام خەلقىمىز ئىچىگىمۇ يېيىلىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي قەھرىمانلىرىمىزغا توغرا ۋە ئادىل باھا بېرىشىگە سەلبى تەسىر كۆرسۈتىۋاتىدۇ.
تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئارىمىزدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن رەھبەر ياراتماسلىق، رەھبەر تاللاشتا ئىككىلىنىش ۋە تەشۋىشلىنىش خاھىشى، ھازىرقى ئەۋلات سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ۋە ياشلىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسىغىمۇ بىۋاستە تەسىر قىلىپ، مىللىي رەھبەرلىرىمىزگە بولغان پوزىتسىيە مەسىلىسىدە سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان ناچار ھالەت شەكىللەندى.
مەسىلەن، مەن تۇرغان شەھەردىكى بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ تېمىدا ئىلگىرىكى رەھبىرىمىز ئەيسا ئەپەندىم بىلەن ھازىرقى رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ تازا چوڭايتىلىپ ئەينەكلىك رامكىغا ئېلىنغان ئىككى رەسىمى بار. ناۋادا شەھرىمىزگە رابىيە خانىم كېلىپ قالسا، بۇ ئاغىنىمىز دەرھال ئەيسا ئەپەندىمنىڭ رەسىمىنى كۆتىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇۋېلىپ، پەقەتلا رابىيە خانىمنىڭ رەسىمىنى ئېسىپ قويىدۇ . ناۋادا رابىيە خانىم كېتىپ، ئەركىن ئالپتېكىن ئاكىمىز كېلىپ قالسا، يەنە دەرھال رابىيە خانىمنىڭ رەسىمىنى بىر بۇلۇڭغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۇنۇڭ ئورنىغا ئەيسا ئەپەندىمنىڭ رەسىمىنى ئېسىپ قويىدۇ، تولا سۆكۈپ، تولا چاپلاپ ھازىر بۇ ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ تېمىنىڭ ساق يېرىمۇ قالمىدى …دېمەك، بولغۇلۇق ھازىرقى ئەۋلات ياشلىرىمىزغا بولۇۋاتىدۇ !
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، تارىختا ئۆتكەن مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىزگە بولغان پوزىتسىيە مەسىلىسىدە داۋام قىلىپ كەلگەن يوقۇرقىدەك قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا، ئىلگىرى چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىققان بەزى رەھبەر ۋە ئەرباپلىرىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيىتى بار. بۇ جاناپلار، ۋەتىنىمىزدە 40 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بەزى يەرلىك كۈچلەر ۋە گومىنداڭچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن جەڭگى – جىدەل ۋە توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرىنى چەتئەلگىمۇ سۆرەپ چىققان . تارىختا ئۆتكەن مىللىي رەھبەرلىرىمىزنى بەكىتىشتە ئۆزىنىڭ شەخسى خاھىشى بويىچە تاللاش ئېلىپ بارغان ۋە ئۆزى تاللىۋالغانلىرىنى مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا زورلاپ تاڭغان ئىدى.
ئەگەر، 50 – 60 – يىللاردا ئابدۇروپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى … باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تايانچ كۈچلىرى چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقمىغان بولسا ئىدى، بەزى ئەرباپلىرىمىزنىڭ قۇترۇتىشى ۋە خاتا يولغا باشلىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز، بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم مىللىي رەھبەرلىرىمىزدىن خاتا ھالدا بىر ئۆمۈر نەپرەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، شۇ دەۋىرلەردە بىرگە ئۆتكەن تارىخىي شەخىسلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەسلىمىلەردە، بىر – بىرىگە بەرگەن باھالىرىدا ناھايىتى زور پەرىق بولغىنى ئۈچۈن، بۇمۇ خەلقىمىز ئىچىدە تارىختا ئۆتكەن مىللىي قەھرىمان ۋە رەھبەرلىرىنى توغرا چۈشۈنۈشى ۋە ئۇلارغا توغرا باھا بېرىشىدە قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينىدى.
مەسىلەن، ۋەتەن ئىچدىكىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، تارىختا ئۆتكەن ئىككىلا جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە، تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن خوجا نىياز ھاجى، مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئوسمان ئەلى ( ئوسمان قىرغىز ) لارغا يوقۇرى باھا بەرگەن ۋە ئۇلارنى « خەلق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى » دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇلارنى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى جىڭ شۇ رەن، شىڭ شى سەى قاتارلىق خىتاي مىلىتارىسلىرىنىڭ زۇلمىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرى دەپ ئىزاھلاشقا تىرىشقان . ئۇلارغا سەلبى باھا بەرگەن خىتاي تارىخچىلىرىنى ئاشكارە تەنقىتلىگەن. چۈنكى سەيپىدىننىڭ ئۇلارنى ئاقلىشى، ئەمىلىيەتتە ئۆزىنى ئاقلىغانلىق ئىدى. چۈنكى 30 – يىللاردە سەيپىدىن ئاۋال ئوسمان ئەلىگە ئەسكەر بولغان . ئوسمان ئەلى شەھىد بولغاندىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ھەربى قوماندانى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ قول ئاستىغا ئۆتكەن، كېيىن ماھمۇت مۇھىتى ( مەھمۇت سىجاڭ ) تەرىپىدىن سوۋەيت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئىۋەتىلگەن ئىدى. دېمەك، سەيپىدىننى « سەي پىدىن » قىلغانلار دەل يوقۇرقى مىللىي ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىمىز ئىدى.
سەيپىدىن ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە، سابىت داموللام، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرالارغا«  مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ۋە جۇڭگۇغا قارشى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى » دەپ باھا بەرگەن.
يەنە سەيپىدىننىڭ 44 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە بەرگەن باھاسىمۇ ئىككى خىل بولۇپ، ئەلىخان تۆرەم ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىلىرىنى « بۆلگۈنچىلىك »ۋە « ئەكسىيەتچىلىك » بىلەن ئەيىپلىگەن، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم رەھبەرلەرگە ناھايىتى يوقۇرى باھا بېرىپ، ئۇلارنى« گو مىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى خەلق ئىنقىلابىنىڭ تىپىك رەھبەرلىرى » دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
شۇ دەۋىرلەردە ياشىغان بۇرھان شەھىدى بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە، 30 – يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاپنى تۈپتىن ئىنكار قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنقىلاپنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى « ۋەتىنىمىزگە قارشى بولگۈنچى ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەر » دەپ ئەيىپلىگەن، 44 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىگە بەرگەن باھاسى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولغان.
ھازىرغا قەدەر ۋەتەن ئىچىدە 33 – 44 – يىللاردا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى باھالار يوقۇرقى ئىككى نەپەر قورچاق مەنسەپدارنىڭ ئۆلچەپ قويغان سىزىقىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى . چۈنكى ۋەتەندە بۇنداق نازۇك مەزموندا « كەڭ ئېچىلىپ – سايراش » ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ۋەتەن ئىچىدىكى ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەلۇمات ۋە چۈشەنچىسىمۇ پەقەتلا سەيپىدىن ۋە بۇرھانلارنىڭ، شۇنداقلا بۇ ئىككىسىگە دوست تارتىشىپ بەرگەن خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ سىزىپ قويغان تار چەمبىرىكى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالدى. كېيىنچە بۇ تار چۈشەنچە، چەتئەلگە چىقىپ يەرلىشىۋاتقان ياشلىرىمىز ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى خەلقىمىز ئىچىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىدى.
چەتئەللەردە بولسا، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا بولغان باھادا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىمنىڭ 49 – يىلىدىن بۇيان تەكىتلەپ كەلگەن چۈشەنچىلىرى ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە يېزىپ قالدۇرغان باھا ۋە قاراشلىرى ھۆكۈم سۈردى.
ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىدىن پەقەتلا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەپەندىمگە بەرگەن باھاسى ناھايىتى يوقۇرى ۋە ئىجابى بولۇپ، قالغان مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىز ۋە مىللىي رەھبەرلىرىمىز ھەققىدىكى باھا ۋە چۈشەنچىسى ئاساسى جەھەتتىن سەلبى ئىدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە بەرگەن باھاسى بىرئاز دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكىنى ئۈچۈن، تاكى سوۋەيت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئابدۇروپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى باشچىلىقىدىكى مىللىي كۈرەشچىلىرىمىز بىلەن، تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا شەرىق رايونىدىكى مىللىي كۈرەشچىلىرىمىز ئۆز ئارا پۈتۈنلەشكەن 90 – يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەسىمىنى ئىشخانە ۋە ئۆيلىرىگە ئېسىشتىنمۇ ۋاھىم قىلاتتى.
ئەلۋەتتىكى، ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە زەررە قەدەر شۈبھەم يوق. بەزى تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئېينى چاغدا ئەيسا ئەپەندىممۇ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولنى تاللىغان ۋە شۇ يولدا ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدى.
ئاللاھ رازى بولسۇن، بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى تۈركىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىز، مىللىي رەھبىرىمىز مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ « شەرقىي تۈركىستان تارىخى » ناملىق باھادىر ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان يېڭى ئىملا قائىدىسى بىلەن قايتا نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىغا بىرلەشتۈرۈپ « مىللىي ئىنقىلاپ تارىخى » ناملىق ئەسلىمىسىنى بىرگە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ ئەسلىمە، 30 – يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاپ ۋە بۇ دەۋەۋىردىكى ئىنقىلاپ رەھبەرلىرى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەڭ مۇكەممەل تارىخىي مەنبە بولۇپ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەپەندىم ئەسلىمىسىدە خوجا نىياز ھاجى ۋە سابىت داموللام قارلىق مىللىي ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەتەن – مىللەتنىڭ ئازاتلىقى يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا يوقۇرى باھا بەرگەن . ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.
كېيىن يەنە ئابدۇروپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى، سابىت ئابدۇراھمان، يۈسۈپبەگ مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى … قاتارلىق كۆپلىگەن مىللىي ئۇستازلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىپ ئېلان قىلىنغان ئەسلىمە ۋە تاتىخىي ئەسەرلەردە، ئەلىخان تۆرەم ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىگە يوقۇرى باھا بېرىلىپ، بۇ جەھەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كام قالغان بوشلۇق تولدۇرۇلدى.
ئەلۋەتتىكى، تارىخىمىزدا ئۆتكەن مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىز ۋە مىللىي رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن كامچىلىق ۋە خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە تەنقىدى ئاساستا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما، ئۇلارنىڭ مىللىتىمىزگە قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرىنى ۋە نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارنى ئۆزمىزنىڭ شەخسى خاھىشى بويىچە تۈرلەرگە ۋە دەرىجىلەرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا ئەسلا ھەققىمىز يوق !
مەيلى خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىققان مىللىي رەھبەر ۋە ئىنقىلاپچىلىرىمىز بولسۇن، ياكى ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن رەھبەرلىرىمىز بولسۇن، ئۇلار ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى ۋە ئىنقىلاۋىي رەھبەرلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەتەن – مىللەت يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلدى . شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىراسىدىنى ۋە غايە – ئىستەكلىرىنى يوقۇرقى ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا نامايەندە قىلدى. كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا خۇددى ھازىر بىز جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزغا ئوخشاش ناھايىتى قىممەتلىك مىللىي ئەڭگۈشتەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.
شۇڭا، بىز ھازىر پەقەتلا ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز، ئۇلارغا ئومومى يۈزلۈك باھا بېرىشنى ۋە دەرىجىلەرگە ئايرىشنى كەلگۈسى مۇستەقىل دۆۋلىتىمىزنىڭ تارىخچىلىرىغا قالدۇرايلى. ئاۋال بىزمۇ ئەنە شۇلاردەك ئۈچىنچى بىر جۇمھۇرىيىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرۈپ باقايلى . مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ خەتەر ۋە جاپا – مۇشەققەتلىرى بېشىمىزدىن بىر ئۆتۈپ باقسۇن، ئاندىن ئەركىن ۋە ئازات موھىتتا ئولتۇرۇپ بۇرۇنقى ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا بىر – بىرلەپ تەپسىلى باھا بېرەلەرمىز ! ھازىرچە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يارىتىپ، يەنە بىر قىسمىنى ياراتمايدىغانغا، ياكى ئېتىراپ قىلمايدىغانغا ھەققىمىز يوق.
ئىلگىرىكى مىللىي ئىنقىلاپچىلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا جەريان قىلغان بەزى ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار شۇلار بىلەن كەتتى. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قاراش ۋە چۈشەنچىلىرى بار ئىدى . ھەممىسىلا  ۋەتەن – مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئىدى . ئەپسۇسكى، دۇنيا ئادالەتسىز، موھىت شەپقەتسىز بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ كېتەلمىدى.
شۇڭا، بىزنىڭ ئەينى دەۋىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن، خەلقىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۆرەپ كىرمەسلىكىمىز، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىق قۇرغۇچىلىرىنى مىللەت سۈپۈتىدە ئورتاق ھالدا قەدىرلىشىمىز، ئۇلارنىڭ مىللىي كۈرەش ئىرادىسىگە تولۇق ۋە تەل – تۆكۈس ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم !
( داۋامى بار )

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …