ئەي زىيۇ: قاھىرە ۋە ئىستانبۇل ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق جاسۇسلۇق مەركىزىمىز ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-08-20
ey-ziyu-doklat.JPG

ئەي زىيۈنىڭ دوكلاتى.

RFA/Qutluq

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان سابىق خىتاي جاسۇسى ئەي زىيۇ توكيودا بەرگەن «قاھىرە ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق جاسۇسلۇق مەركىزىمىز ئىدى» سەرلەۋھىلىك يازما دوكلاتىدا خىتاينىڭ تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى بولغان ئىككى نەپەر مىنىستىرىنىڭمۇ ئەسلى خىتاينىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مۇنداق بايان قىلدى:
-خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئارخىپلىرىدىكى كونا ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە، خىتاي بىلەن تۈركىيە 1971-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانغا قەدەر، تۈركىيەدىكى، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى خىتاي تەرەپ مىسىر قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق توپلىغان ئىكەن. چۈنكى مىسىر بىلەن خىتاي 1956-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا باش ئەلچىلىككە، جۇ ئىنلەينىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىلگىرى جۇ ئىنلەيگە كاتىپ ۋە ئىنگلىز تىلى تەرجىمانى بولغان سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن جياكاڭ ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن ئىكەن. چېن جياكاڭنىڭ ئەسلى ئىسمى چېن كۇەن بولۇپ،ئادەتتە ئۇنىڭ جاسۇسلۇقتىكى ئىسمى چېن يۇ ئىكەن. چېن جياكاڭ 1938-يىلى جۇ ئىنلەيگە كاتىپلىق قىلىۋاتقان چېغىدا شىنجاڭ مەسىلىسى يەنى شىنجاڭدىكى مەسئۇت، ئەيسا، مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىپ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ھەرىكىتىگە كۆز-قۇلاق بولۇپ، ۋاقتى-ۋاقتىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى جۇ ئىنلەيگە يەتكۈزۈپ تۇرغان ئىكەن.

مەسىلەن: ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1938-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە جەدەھدىكى تۈركىيە كونسۇلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئۇندىن باشقا 1939-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قىلىنغان سۆھبەتلەر ۋە شۇنداقلا ئىككى دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى توغرىسىدا يېزىلغان خاتىرە ئۇچۇرلارمۇ بار ئىدى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا شىنجاڭ مەسىلىسىدە گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭنىڭ ھەمشېرىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەينى چاغدا گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭ گەرچە دۈشمەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشتا ئورتاق بىر پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ تەرەپ بىلەن گۇڭچەنداڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ئائىت ئۇچۇرلاردا ئۆز-ئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا جۇ ئىنلەينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدىكى پېشقەدەم خادىملارنىڭ دېيىشىچە، جۇ ئىنلەي «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن سۆزگە ئەڭ ئۆچ بولۇپ، ھەتتا تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ بۇ جۇغراپىيىلىك نامنى قوللانماي «شىنجاڭ» دەپ قوللىنىشنى جېكىلىگەنمىش. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنچىلىك ئۆچلۈكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەلچى بولغان شۇنداقلا قاھىرەدىكى ئەلچىخانىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاشتا خىتايدا داڭ چىقارغان، خىتاينىڭ مەشھۇر جاسۇسى، مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇاڭ خۇا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خۇاڭ خۇا شىنجاڭ مەسىلىسىدە كۆپ تەجرىبىلەرگە ئىگە دىپلوماتىيە جاسۇسى ئىكەن. ئۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆپ قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. ئېنىقكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە شىنجاڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماي قالمايدۇ. شۇڭا شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىشتە خۇاڭ خۇا مۇھىم كىشى ئىدى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا ھازىرقى قاھىرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى سۇڭ ئەيگو ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-سۇڭ ئەيگو 1984-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئون ئىككى يىل خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەركىزى ھۆكۈمەتنى قانائەتلىك ئۇچۇر-ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈندۇر. سۇڭ ئەيگو ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى زادى قانداق قولغا چۈشۈردى دېگەندە، ئۇ ئۇچۇر توپلاشتا يالغۇز تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىنلا ئەمەس، بەلكى قازاق، كۇرت ۋە ئەرەبلەرگە تاياندى.

ئەي زىيۇ، سۇڭ ئەيگونىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھازىر مىسىردىكى ئەلھەزەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىقلاردىن جەمئىي بەش يۈز نەپەر ئوقۇغۇچى بار. بۇنىڭ 350 نەپىرى ئۇيغۇر، 150 نەپىرى شىنجاڭلىق خۇيزۇلاردۇر. مەركەز ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىدە دىنىي ئىلىم ئېلىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەلھەزەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشى ھۆكۈمەتنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

سۇڭ ئەيگو گەرچە ئىلگىرى تۈركىيەدە تۇرغان بىلەن مىسىر، يەمەن، سۈرىيە، پاكىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا كۆپ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى تۈركىيەدىن توپلىيالىغانلىقى ئۈچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنى 2010-يىلى مىسىردىكى ئەلچىخانىغا باش ئەلچىلىككە تەيىنلىدى.

سۇڭ ئەيگو ھازىر مىسىردا «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» دېگەندەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنى تەشكىللەپ، بۇ ئارقىلىق مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

سۇڭ ئەيگو ئۇندىن باشقا، مىسىردىكى ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئەسلى شىنجاڭدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتاي مۇھاجىرلىرى دەپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا داۋاملىق زىياپەتلەرگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا 80-يىللاردا قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن 90-يىللاردا خىزمەت قىلغان ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مۇزەپپەر مىجىت ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى غۇنچەم تۇرسۇنلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/ey-ziyu-08202013163945.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …