ياپون ـ ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى خىتاي ئاخباراتىغا نەزەر( 1 ـ بۆلۈم )

 

 

( 1 ـ  بۆلۈم )

     ئۇيغۇرىستان  ئازاتلىق تور  تېلىۋىزورىنىڭ  نۆۋەتتىكى ، ئالىمجان مەمەت رىياسەتچىلىكىدە ئويۇشتۇرۇلغان «  خەۋەر ۋە مۇلاھىزە »  پروگراممىسىغا  قاتناشقان ئابدۇرەھىمجان، ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە  ياپونىيەنىڭ رولى،  شۇنىڭدەك ( 2007 ـ يىلى نويابىردىن ئىتىبارەن رابىيە قادىر خانىم ئارقىلىق قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن ) ئۇيغۇر ـ ياپون  دىپلۇماتىك  مۇناسىۋەتلىرىنىڭ  كۈنسىرى تەرەققى قىلىشىغا  ئەگىشىپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا  ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا قانات يايدۇرىۋاتقان  تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سۈيقەستلەر توغرىسىدا كۆز ـ قاراشلىرىنى قىسمەن ئوتتۇرغا قويدى.

  ئۇ ، سۆھبەت  جەريانىدا  1945 ـ يىللىرى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانغا قەدەر ماھمۇت مۇھىتى بىلەن ياپونىيە ئىمپراتورى ئارىسىدىكى سىياسى ۋە ھەربى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن،  كۈنىمىزدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەت سېپىمىزگە قاتنىشىۋاتقان  رەھبەرلىك قوشۇنلىرىنىڭ بەكلا  تەييارلىقسىز، ھەتتا  لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتتى.

     ئۇنىڭ ئالغا سۈرىشىچە ، ياپونىيە ئۆز بېشىچە خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىش باسقۇچىغا  يەتمەسلىكى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بىر  ۋەزىيەتنىڭ  يۈر بېرىش  ئىھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ جەزمەن خىتاي ـ ئامېرىكا، خىتاي ـ ناتو  ۋە خىتاي ـ غەرپ دۈشمەنلىشىشى بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر ئىكەن.

   ئۇ، 1945 ـ يىلى ياپونىيەنىڭ خىروشىما ئارىلىغا تاشلانغان ئاتوم ـ دەل ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈچۈن يېزىلغان شۇم تەقدىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

  مىيونخىن 2013 . 08. 08

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …