5 ـ نۆۋەتلىك « خەلقئارا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى » يىغىنىدىن قىسقىچە تەسىرات

5 ـ نۆۋەتلىك « خەلقئارا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى » يىغىنىدىن قىسقىچە تەسىرات

     ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى « ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنى» دا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتىنىمىزدە ئىجرا قىلغان « 5 ـ ئىيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقى » نىڭ 4 يىللىقى ۋە شاۋگۇئەندە ئىجرا قىلغان قاتىللىق، ئىرقى تازىلاش جىنايەتلىرىنىڭ 4 يىللىقى،  شۇنىڭدەك  26 ـ ئىيۇن لەمجىن كەنتىدىن باشلاپ بىرقانچە ۋىلايەت، ناھىيەلەرگىچە تارقالغان بىر قاتار كىچىك شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى  ۋە خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇش ئىجرائاتلىرى ئۈستىدە كۆزـ قاراش، پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ دۈزجە ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان  5 ـ نۆۋەتلىك « خەلقئارا شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى » يىغىنىنىڭ مەزمۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىدىن  ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ئابدۇرەھىمجان تەسىراتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك نوقتىلارغا يىغىنچاقلاپ سۆزلەپ ئۆتتى.

    ئىستانبۇلدىكى « خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى » 2009 ـ يىلدىن ئىتىبارەن ھەريىل ئويۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان « خەلقئارا شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى » يىغىنىنىڭ 5 ـ نۆۋەتلىكى  بۇ يىل ئالتىنچى ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە ئىستانبۇل ۋە دۈزجىدە چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئالدىنقى نۆۋەتلىك يىغىنلاردىكىدىن پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا لېكىسيە سۆزلەيدىغانلارغا كەسپى ئالاھىدىلىك ۋە كۆز ـ قاراش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن  3 ئاي ئاۋال بەلگىلىك تېمىلار چۈشۈرلگەن بولۇپ،

    1 ـ دىنى ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەر : دىن، ۋەتەن، مىللەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يورىتىدىغان مەزمۇندىكى تېمىلارئۈستىدە،

    2  ـ  سىياسى ساھەگە مەنسۇپ مۇتەخەسىسلەر: سىياسى نوقتا بويىچە ۋەتەن ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى، دۆلەت قۇرۇش قائىدە پىرىنسىپلىرى،  ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە،

     3 ـ   پارتىيە ۋە تەشكىلاتچىلىقتا كەسپىلەشكەن مۇتەخەسىسلەر: ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەكىلدە تەشكىللىنىشى، ئوخشاشمىغان، ئەمما غايە، نىشاندا بىر بولغان ھەرتۈرلۈك ئايرىم تەشكىلاتلار ئۆز ـ ئارا قايسى نوقتىدا، قايسى ئۇسۇلدا بىرلىكتە ھەرىكەت، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشلىرى كېرەك ـ دېگەن خۇسۇستا،

    4 ـ  خەلقئارا  مەسىلىلەر، مىللى مەسىلىلەر ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەر: مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالىشىش ئۇسۇل ـ قائىدىلىرى، تاشقى مۇناسىۋەتلەردە نېمىلەرگە تايىنىش، نېمىلەردىن ساخلىنىش، دېموكراتىك ئەللەر بىلەن ئورنىتىتىدان مۇناسىۋەتلەر، دېكتاتورلۇق، ھاكىم مۇتلەقچىلىك دۆلەتلەر بىلەن ئورنىتىدىغان مۇناسىۋەتلەر، غەرپ ئەللىرى بىلەن قايسى ئۇسۇلدا مۇناسىۋەت قىلىش، شەرق ئەللىرى بىلەن قانداق شەكىلدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىسلام ئەللىرى خەلقلىرىگە قانداق پوزتىسيە تۇتۇش، غەيرى مۇسلىم ئەل ۋە خەلقلەرگە قايسى نوقتىدا مۇئامىلە قىلىش، ئۆز دۈشمىنىگە قارشى دۈشمەنچىلىك مەۋقىئەسىدىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىلەن ئورنىتىشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلەر، شۇنىڭدەك ئۆز دۈشمىنى بىلەن ئىتتىپاقداش، دوست دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان دېپلۇماتىك مەسىلىلەر ئۈستىدە،

    5 ـ ۋەتەن مۇستەقىللىقى ھەرىكەتلىرى قايسى ئۇسۇلدىكى سىتراتېگيەلەرگە ئىھتىياجلىق، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى قانداق ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىدە قايسى ئۇسۇلدا ۋە قايسى مىللەتلەردىن ئۈلگە ئېلىپ سىتراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك،

6 ـ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى، نوپۇس ۋە جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، سۈنئى ھالدا نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى،

7 ـ تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدىكى ساخنىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى، مەسىلە تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدىمۇ، ياكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل چارىلىرى ـ

 قاتارلىق ئىنتايىن كەڭ ۋە مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە لېكىسيەلەر سۆزلىنىش بىلەن بىرگە جىددى ھالدا بەس ـ مۇنازىرىلەر، ئەركىن  سۇئال ـ جاۋاپلار، بايان ، ئىزاھاتلار ئىچىدە بۇ قېتىمقى  « خەلقئارا شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى »  يىغىنى باشتىن ئاخىر قىزغىن كېيپىيات بىلەن داۋاملاشقان. يىغىننىڭ ئومۇمى مەزمۇنى ۋە جەريانى، باش تېمىسى « ئۆزىمىزنى ئىسلام دىنىمىزغا مۇناسىپ ئىسلاھ قىلىش، سىياسى جەھەتتىن ئىسلاھسات ئېلىپ بېرىش، تەشكىلى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش » قاتارلىق ئۆچ چوڭ خۇسۇسقا مەركەزلەشكەن.

ئابدۇرەھىمجاننىڭ ئالاھىدە تەكىتلىشىچە « خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى » نىڭ قۇرۇلىشى قانچىلىك ئىشەنچىلىك، ساغلام ئۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، قىسقا بىر قانچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ۋەتەن ، مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭمۇ ساغلام ھەم نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن.

 ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى « ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنى» جەريانىدىكى قسمەن سۆھبەت فىلىم ئارقىلىق ئوچۇق ئېلان قىلىنىش ماقوللانغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىردەك ھالدا مائارىپ جەمئىيىتىگە ئارىپىرىن ئېيتىپ، تېخىمۇ  زور، ساغلام ئۇتۇقلارنى تىلەشتى.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

  13.07.2013 مىيونخن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ …