مىيونخىن شەھرىدىكى « گېرمانىيە ئۇيغۇر مەكتىپى» ئەۋلات تەربىيەسى بىلەن مەشغۇل

مىيونخىن شەھرىدىكى « گېرمانىيە ئۇيغۇر مەكتىپى» ئەۋلات تەربىيەسى بىلەن مەشغۇل

27 ـ ئاپىرىل شەنبە كۈنى ھەپتىلىك دىنى دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، مەكتەپ مۇدىرى مۇھاممەد يۈسۈپ ھاجىم قىز ـ ئوغۇل ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا چۈشەنچە سۆزلەپ، ياخشى ئىتىقادلىق دىندار بولۇش بىلەن ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەرگىزمۇ ئۆز ـ ئارا زىت ئېقىملار بولماستىن، ئەكسىچە بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئۆز ـ ئارا جەم بولغاندىلا ھەقىقى مۇكەممەللىشىدىغان ئالى پەزىلەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك ئۆزىمىز ياشاپ تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپتىكى ئەپزەل شارائىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالى بىلىم ئىگىلەش، ئۆز تۇرمۇشىنىلا كۆزلىمەستىن، ۋەتىنىمىزگە، مىللىتىمىزگە پايدىلىق، تۆھپىكار كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشنى غايە قىلىش، يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرى بىلەن بىلىم ئىگىلەشتە، تېخنىكا ئۆگۈنۈشتە بەسلىشىش قاتارلىق مۇھىم ئەخلاق تەربىيەسى بەردى.

مۇھاممەد يۈسۈپ ھاجىم ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ھەر قايسى ئاتا ئانىلارغا تۆۋەندىكى مەزمۇندا ئامانەت يوللىدى:
مەكتىپىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ كىچىك بىر پارچىسىدۇر. ئەگەر بىز ياشاپ تۇرىۋاتقان بۇ شەھەردىكى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇشۇ كىچىك پارچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالساق، جەزمەنكى ۋەتىنىمىزدىن تامامەن ئايرىلغان بولىمىز. چۈنكى كوللىكتىپ شەكىلدە، سېستمىلىق ھالدا ئەۋلات تەرىيەسى ئېلىپ بېرىلمىسا، ئەۋلاتلار يەككىلىشىپ، ياتلىشىپ سىڭىپ كېتىدۇ. « ۋەتەن! » دەيدىغان كىشى يوقالسا ۋەتەن يوقالدى ـ دېگەن سۆز. كۆز ئالدىمىزدا سىڭىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزغا ئىگە بولايلى! مەكتەپ ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن قۇرۇلغان، قۇرۇپ كەتمىسۇن!

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
2013 . 27 . ئاپىرىل مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ …