بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسى(ئارخلوگىيەلىك ئەسەر)

بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسى __ قۇياش ئېمپىرىيەسى « مۇ » غا تەۋە ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە خاراكتېرلىك ئېمپىرىيە بولۇپ، دۇنيادا تونۇلغان ئېمپىريەلەر ئىچىدە  « مۇ » دىن قالسىلا ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىدىن چوڭ ئېمپىرىيە يوق ئىدى. ئۇيغۇر ئېمپىريەسىنىڭ شەرقى چېگرىسى تېنچ ئوكيانغا، غەربى چېگرىسى ھازىرقى روسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى جايلاشقان زېمىننى بويلاپ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يىراقلارغا سوزۇلۇپ ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتاشقان ئىدى. شىمالى چېگرىسىغا ئائىت خاتىرىلەر يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىمالى چېگرىسىنى شىمالى مۇز ئوكيانغا تۇتاشقان دەپ پەرەز قىلىش مۈمكىن. جەنۇبى چېگرىسى بولسا ھىندىچىنى، بېرما،  ھىندىستان ۋە پېرسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇر تارىخى دېمەكلىك __ ئارىئانلار تارىخى دېمەكتۇر. چۈنكى بارلىق ئارىئانلار ھەقىقى ئارىئان ئېرقىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ياۋروپانىڭ مەركىزىنى بويلاپ ماكانلاشقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى تاكى ئۈچىنچى ئېرا دەۋرىگىچە سوزۇش مۈمكىن. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن غايەت دەھشەتلىك  يەر پوستى ئۆزگۈرۈشى ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە ئېمپىرىيە ۋەيران بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئاپەتلەردىن ئامان قالغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ياۋروپادا  قايتىدىن ئاھالە بولۇپ شەكىللەنگەن.  بۇ پېلىستوسىن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. سىلاۋىيانلار، تيوتنلار، كېلىتلار، ئېرلاندلار، بېرتونلار ۋە باسكلار ئۇيغۇرلاردىن پەيدا بولغان مىللەتلەردۇر. بېرتونلار بىلەن باسىكلار  ۋە ھەقىقى ئېرلاندلار ئۈچىنچى ئېرا دەۋرىدە ياۋروپاغا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن تارقالغان خەلقلەردۇر ھەم بۇلار دەل ھېلىقى يەر پوستى ئۆزگۈرۈشى ۋە تاغلار ئۆزگۈرۈش ھەركىتىدە ئامان قالغانلاردۇر. يەر پوستى ھەركىتى ۋە تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى گۈللەپ ياشنىغان ھېلىقى دەۋرلەردە ھازىرقى گوبى چۆللۈكى سۈيى ئەلۋەك مۇنبەت تۈزلەڭلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدىكى پايتەختى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 1896- يىلى تىبەتتىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەدىمقى شەھەر «  قارا خوتۇ » نى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى مۇشۇ « قارا خوتۇ » شەھىرىنىڭ ئاستىدا بولۇشى مۈمكىن _ دەپ قىياس قىلىشىپ بۇ خارابىلىقنى قېزىشنى باشلىۋەتكەن ۋە 40 فۇت قېلىنلىقتىكى قورام تاش قاتلىمى، شالغۇم ۋە قۇم قاتلاملىرىدىن ئۆتۈپ قەدىمقى پايتەخت شەھەرنىڭ خارابىسىنى تاپقان ھەمدە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئېرىشكەن. لېكىن شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېزىش راسخوتى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بۇ ئارخېئولوگىيە پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ھەم بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى روسىيەلىك داڭلىق ئارخېئولوگ كوزلوفقا ئېيتقان. كېيىن كوزلوف بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ « قارا خوتۇ » دىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا: غايىپ بولغان قۇرۇقلۇق« مۇن » نى باش ئەگدۈردۈم __ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
شەرقتىكى ئەللەردە كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەردە : « پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئورنى بىر زامانلاردا مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەر، ئورمانلىقلار، كۆل ۋە دەريالار بىلەن تولغان بىپايان تۈزلەڭلىك ئىدى. ئۇ جايلاردىكى كەڭ ھەم تۈپتۈز يوللار چوڭ – كىچىك شەھەر بازارلارنى بىربىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. بۇ كاتتا شەھەرلەردە ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىلار ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورۇنلىرى، ھۆكۈمرانلارنىڭ سۈرلۈك ئوردا قەسىرلىرى بار ئىدى » دېيىلگەن. ھازىرمۇ گوبى چۆللۈكىدىكى ھېلىقى توپان سۈيىنىڭ يالاپ قوراملىققا ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن ئامان قالغان تۇپراق قاتلاملىق قىسىملىرىدا قۇرۇپ كەتكەن دەريالارنىڭ قىنى، قاناللار ۋە كۆللەرنىڭ ئىزنالىرى ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدۇ. گوبى چۆللۈكىنىڭ بىرقانچە جايلىرىدا ھېلىقى توپان سۈيى يالاپ كەتكەن دائىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخلار بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تاپقان ھېلىقى دەۋرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. تەلىيىمىزگە يارىشا بىز بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرگە مۇھتاج ئەمەس. تىبەتلەرنىڭ بىر ئىبادەتخانىسىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نائاكال خانلىقىغا ئائىت يازما خاتىرىلەر ساقلانغان. مەن ئۇنىڭدىكــــــــــى « 70000 يىللار ئىلگىرى نائاكاللىقلار ئۆز ۋەتىنى ھەققىدىكى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىگە يوللىدى »  دىگەن نەقىلنى ئالساملا كۇپايە. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان نەقىللەر نامەلۇم يۇرتلاردىن ئاسىياغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشتا ھازىرقى سېرىق دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ ماكانلاشقانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. « ئۇلار ئۇ جايدىن ئىچكىرىگە قاراپ كېڭەيدى، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە يېتىپ بارغان جايى __ تۈز كەتكەن سۇغۇرۇشقا ئەپلىك تۈزلەڭلىك (گوبى) دۇر» . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەللەپ كاسپى دېڭىزى بويلىرىغا ۋە ئاندىن كېيىن مەركىزى ياۋروپانى بېسىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا كېڭەيدى.
يازما خاتىرىلەردىن مەلۇم بولىشىچە ئۇيغۇرلار نۇرغۇن كاتتا شەھەرلەرنى بىنا قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كېيىن سۇ ئېقىتىپ كەتكەن، بەزىلىرى بولسا گوبى چۆللۈكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. خىتايلارنىڭ بەزى خاتىرىلىرىدە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 500- يىللاردىكى تەققى-تۇرقى « قوڭۇر چاچ كۆك كۆز خەلق» ، «  ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك، قوڭۇر كۆز ۋە قوڭۇر چاچ كېلىدۇ. شىمالدىكى جايلاردا ياشىغانلىرى ئاساسەن كۆك كۆز سېرىق چاچ، جەنۇپتا ياشايدىغانلىرى قارا چاچ قارا كۆز كېلىـــدۇ » دەپ تەسۋىرلەنگەن.
ئەمدى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنىڭ قاچان نېمە سەۋەپتىن ۋەيران بولغانلىقى، باي مۇنبەت گوبىنىڭ چۆللۈككە ئايلىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەر ۋە يەر پوستى تارىخىنىڭ قايسى دەۋرلىرىدە قۇم قاپلىغان گىياھ ئۈنمەس چۆللۈككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختۇلىمەن. ئىبادەتخانىلاردا ساقلانغان قەدىمقى خاتىرىلەردە « ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ۋە ئۇنىڭدا ياشىغۇچى خەلقلەر بۇ ئېمپىرىيەنىڭ شەرقى قىسمىنى تامامەن يالماپ كەتكەن تاشقىندا خانىۋەيران بولۇپ ھالاك بولدى. ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە ئامان قالمىدى » دەپ قەيت قىلىنغان. بۇ قەدىمقى خاتىرىلەر گېئولوگىيەلىك ئۆزگۈرۈشلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسىدا ئىسپاتلاندى. قەدىمى پايتەخت شەھەر« قارا خوتۇ » دىكى ئىمارەتلەر باشتىن ئاياق قورام، شالغۇم ۋە قۇم قاتلاملىرى ئاستىدا قالغان. ئەمدى بۇ تاشقىن ئاپىتىنى دۇنيادىكى بارلىق گېئولوگلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى « توپان بالاسى » دېيىلگەن بۇ تاشقىن ئۆتكەنكى ماگنىتىك شىددەتلىك ئۆزگۈرۈش دەۋرىدە شىمالى يېرىم شاردا يۈز بەرگەن. مەن ئېكىسپىدىتسىيە ئۆمىكى بىلەن بىرگە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تاكى لېنا دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان جايلار ۋە شىمالى مۇز ئوكيان بويىدىكى ئاراللاردا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئېلىپ باردىم. بىزنىڭ يول بويى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمىز بۇنىڭدىن بىرقانچە مىڭ يىللار مۇقەددەم شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن مۇز ئارىلاشمىغان دەھشەتلىك سۇ دولقۇنى جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ بۇ يەرنى يالماپ ئۆتكەنلىكىدەك بىر پاكىتنى ئاشكارىلىدى. بىز گېرىنىۋىچ سىزىقىنىڭ 110 گىرادۇس شەرقىغىچە بولغان جايلاردا بۇ تاشقىن ئاپىتىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىمىدۇق، لېكىن بۇ دائىرىدىن شەرققە قاراپ ماڭغىنىمىزدا شۇ قېتىملىق تاشقىن ئاپىتىنىڭ ئىزنالىرى ئۇچراپ تۇردى. ھېلىقى تاشقىننىڭ جەنۇپتىن باستۇرۇپ كېلىپ شىمالغا كەتكەنلىكىگە ئائىت دەلىللەر ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇردىيۇ، لېكىن بىز بېسىپ ئۆتكەن سىبىرىيەنىڭ ھېچقانداق جايىدا ھېلىقى تاشقىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇزلاردىن قالغان بىرەر ئىزنالارنى بايقىمىدۇق. تاشقىن ئەڭ قاتتىق بېسىپ ئۆتكەن يەر لېنا دەرياسى بولسا كېرەك. لېنا دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىنكى جاي للاكوف ئارىلى. بۇ ئارال مامونت ۋە باشقا ئورمان ھايۋانلىرىنىڭ ئۇستىخان ۋە چىشلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، بۇلارنى ھېلىقى تاشقىن موڭغۇلىيە ۋە سىبىرىيە دالىلىرىدىن ئېقىتىپ كېلىپ تاشلىغان. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلا للاكوف ئارىلىدا ياشىغان ئەمەس. بۇ ئۇستىخانلاردىن بىز شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، تاشقىنغا ھېچقانداق مۇز ئارىلاشمىغان، بولمىسا بۇ ھايۋانلارنىڭ تېنى ئۇستىخانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يانچىلىپ ئۇماچ بولۇپ كەتكەن بولاتتى. يەنى شەرقى شىمالى ئامېرىكىدەك ھالەت كېلىپ چىققان بولاتتى. ئۇ جايدا للاكوف ئارىلىدىكىدەك بۇنداق قالدۇق ئىزنالارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ تاشقىن گېئولوگىيەلىك ئاتالغۇ بولغان مۇز دەۋرىدە شىمالى يېرىم شاردا يۈز بەرگەن. خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ شەرقى يېرىمى پايتەختى بىلەن قوشۇلۇپ شۇ تاشقىن ئاپىتىدە ۋەيران بولغان ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار قىرىلىپ تۈگىگەن، لېكىن غەرپ ۋە غەربى جەنۇبى قىسمى ئامان قالغان. تاشقىن ئاپىتى بولۇپ مەلۇم زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن (قاچانلاردا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى يازما خاتىرىلەرنى ئۇچراتمىدىم) مەركىزى ئاسىيادىكى تاغ بۆلەكلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنى ئوراپ تۇرغان ۋە ئۇنى كېسىپ ئۆتكەن تاغ تىزمىلىرى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، يەرلەر ئولتۇرۇشقان ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن ھاسىل بولغان يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن يەرلەر پارچىلىنىپ، يەر قوينىدىن قوراملار ئۆسۈپ چىققان، بۇ ئومۇمى ۋەيرانچىلىققا قوشۇلۇپ پارتلىغان ۋولقانلار قىزىق لاۋا ئېقىمى ھاسىل قىلغان. شۇ قېتىمقى تاشقىن ئاپىتىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ۋەيرانچىلىقتا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئامان قالغانلىقىنى ئېنىق مۆلچەرلەش قىيىن. ئىشقىلىپ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ھايات قالغان. بۇ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە تاغ كۆتۈرۈلگەندە كېلىپ چىقىدىغان ئوخشاش ھادىسە. ساق قالغان ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇرلار تاغ ئارا قېچىپ يۈرۈپ جېنىنى ساقلاپ قالغان.  پەيدا بولغان بىرقانچە تاغلار گوبى دېگەن بۇ زېمىننى كېسىپ ئۆتۈش ۋە دائىرىگە ئېلىۋېلىش نەتىجىسىدە، ئېقىپ كېلىدىغان سۇ يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. يەر يۈزى ھالىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن بۇ يەرگە قويۇلىدىغان سۇلار يەرنىڭ ئاستىدىكى قوراملارنى بويلاپ سىڭىپ يەر ئاستى دەريالىرىنى شەكىللەندۈرگەن. دېمەك يەر يۈزىدىكى سۇلارنىڭ سىڭىپ كېتىشى نەتىجىسىدە گوبى بىز بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغان قۇم، قوراملار قاپلىغان ئادىمىزاتسىز چۆللۈككە ئايلىنىپ كەتكەن. شەك شۈبھىسىزكى ھازىرمۇ بۇ قۇملۇقنىڭ بىرنەچچە فۇت تەكتىدىن سۇ تاپقىلى بولىدۇ. بىز 7 – 10 فۇت چوڭقۇرلۇقتىن سۇ تاپتۇق.
ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئوتتۇرا ياۋروپاغا تارقىلىپ ماكانلاشقان. ھىندىلارنىڭ قەدىمقى كىتابى « مانۇ » دا مۇنداق يېزىلغان: « ئۇيغۇرلار كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى قىرغاقلىرىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان ». بۇلار ماكىس مۇللېر ئېيتقان « پلېي سىتوسېن » دەۋرىدىكى كۆچمەنلەرگە ئوخشاش ئىككىنچى قېتىم ياۋروپاغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلار بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. مېنىڭچە شەك شۈبھىسىزكى ئالىملار ئېيتقان شەرقى ياۋروپانىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆزلەشتۈرگۈچىلىرى دەل ئادىمىزاتسىز چۆلدەرەپ قالغان ھېلىقى تاغلىقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇقلىرىدۇر. بۇ قاراش ماكىس مۇللېر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق يازغان: « دەسلەپتىكى بۇ بىر كىچىك توپ كاۋكازلىقلار مەركىزى ئاسىيانىڭ تاغلىقلىرىدىن كەلگەن.» ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار كاۋكاز دالىلىرىغا « پلېي سىتوسېن » دەۋرىدە يەنى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان دەۋرلەردە يېتىپ بارغان.
يۇقۇرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ياۋروپادا ئۇيغۇرلار بار ئىدى. ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان نۇرغۇن قەۋملەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھېلىقى دەۋرلەرگە سۈرىدۇ. « يوقالغان قۇرۇقلۇق _ مۇ » دېگەن كىتابىمدا كوزلوف«  قارا خوتۇ » دىن تېپىپ سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم سىمۋوللۇق رەسىملەرنى ئايرىپ چىقىپ مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن ئىدى. تىبەت ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، ئۇ شەرقتە خىتاي، شىمالدا موڭغۇلىيە، جەنۇپتە ھىندىستان، غەرپتە كەشمىر ۋە تۈركىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. گوبى چۆللۈكى ئۇنىڭ شىمالى چېگرىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. تىبەت بىر زامانلاردا بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. يەنى ئۇ چاغلاردا تېخى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقمىغان بولۇپ، بۇ ئەلنىڭ زېمىنى مۇنبەت تۈزلەڭلىك ئىدى. ھازىر بۇ جاي غەرپتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان تاغ تىزمىلىرى بىلەن تولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ بۈيۈك ئىگىزلىك. جەنۇبىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز تاغ تىزمىسى ___ ھىمالايا تاغلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ مۇشۇ تاغ تىزمىلىرى ئىچىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز چوققا ___ جۇمۇلاڭما چوققىسى تىبەت چېگرىسىغا جايلاشقان. شۇڭا تىبەت « دۇنيانىڭ ئۆگزىسى » دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. تىبەت __ « تىلسىمات ۋە سىر ھىكمەتلەر بۆشۈكى » دەپ ئاتالغان ھىندىستاننىڭ قوشكېزەك ھەمشىرىسى ۋە بۇ شۆھرەت تاجىنىڭ ھەقلىق ئېگىسى. تىبەتنىڭ ئادەم كىرگىلى بولمايدىغان تاغ ئارىلىرىدا نۇرغۇن مۇناستىر، ئىبادەتخانا ۋە بۇتخانىلار بولۇپ تاشقى دۇنيادىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن باردى كەلدىلەردىن خالى راھىپلار ئۆزلىرىگە خاس ئەھكاملار بويىچە پىنھان، تېنچ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. شۇ جىلغىلاردا ياشايدىغان ئازغىنە چارۋىچىلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇلارنى بىلمەيدۇ. ھىمالايالىقلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدىكى راھىپلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى ئۆزلىرىنى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى بىراھمانلار تەرىپىدىن ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلغان نائاكاللارنىڭ پۇشتىلىرى دەپ ئاتىشىدۇ. بۇلار ئەڭ ئىپتىدائى دىن ۋە ئالەملەرنىڭ بەزى سىر ھىكمەتلىرىگە ئائىت تۇنجى بۈيۈك مەدەنىيەتنى ساقلاپ قالغۇچىلاردىن بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. مېنىڭ بۇ يەردە « بەزى » دېگەننى تەكىتلىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىلار تىبەتتىكى نەچچە يۈزلىگەن ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىچىدىكى ساناقلىقلا بىر قىسىمىدىن، يەنى بەش بارماقنىڭ ئىچىدىكى بىر بارماقتىنلا ئىبارەت خالاس. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنىلا بىلىمەن. بۇ ئىبادەتخانىلاردىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئىخلاس قىلىدۇ. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى سىچليېمان لاسادىكى بىر قەدىمى بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن « مۇ » نىڭ خانۋەيرانچىلىقى بايان قىلىنغان يازمىلارنى بايقىغان. بۇ يازمىلار قەدىمقى ئابىدە يادىكارلىقلىرىدىن پەھلىۋى ۋە تىبەت تىلى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى تازا ئېنىق ئەمەس. كىم بىلىدۇ دەيسىز بەلكىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە يۈزلىگەن يازمىلارغا قوشۇلۇپ ئاللىقانداقتۇر نامەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ بىرەر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ياكى پول ئاستىلىرىدا بىراۋلارنىڭ قىيا كۆزىنى سېلىپ قويۇشىغا زار بولۇپ، مەينەت كىگىز، پالازلارنىڭ قېتىدا چـاڭ – توزانغا مىلەنگەن ھالدا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقاندۇ.
قاتمۇ قات تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى بىراھما پوترا دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىمىدا بەزى ئىبادەتخانىلار ۋە بۇتخانىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئېنىق سانىنى ھازىر دەپ بېرەلمەيمەن. مۇشۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل نائاكال كۇتۇپخانىسى دەپ ئاتىلىشقا لايىق نەچچە مىڭلىغان ئابىدىلەر ساقلانغان بىر ئىبادەتخانا بار. ئۇ يەردىكىلەر بۇنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەخت شەھىرىگە تەۋە نائاكال كۇتۇپخانىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئاجايىپ تارىخى ئەنە شۇ ئابىدىلەرگە باغلانغان. مەن بۇ پاكىتلار ھەققىدە قەدىناس رايشى بۇرادىرىمگە ئېغىز ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەقدىرى ھەققىدە بىرەر نەرسە ئاڭلىغان ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا بۇ ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ھېلىقى ئابىدىلەرنىڭ تارىخى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. مەن تۆۋەندە ئۇنىڭ ماڭا دەپ بەرگەنلىرىنى ئەينەن تەكرارلاپ ئۆتىمەن. نائاكاللار كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا ھېلىقى قېرى رايشى سۆزلەپ بەرگەن. _ « ئۇلۇغ تاشقىن شەرقى ۋە غەربى شىمالى ئاسىيانى بېسىپ كەتكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەخت شەھىرى ۋەيران بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئاھالىلەر غەرق بولغان ۋە نائاكاللار ۋەتىنىدىن ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغان بۈيۈك كۇتۇپخانا (ئابىدىلەر)نى كۆمۈپ تاشلىغان. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تاشقىن باسمىغان غەربى تاماندىكى نائاكاللار پايتەخت شەھەرنىڭ خارابىسىگە بېرىپ  ئابىدىلەرنى كولاپ چىقىرىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ غەربى يۇرتتىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەتكەن. ئابىدىلەر تاكى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ھېلىقى ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى قايتىدىن يەر قەھرىگە كۆمۈپ تاشلىغانغا قەدەر ھېلىقى ئىبادەتخانىلاردا ساقلىنىپ تۇرغان. ئارىدىن ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش ھەركىتى دەۋرىدىكى ئاپەتتىن ئامان قالغان نائاكاللارنىڭ ئۇرۇق پۇشتىلىرى قايتىدىن ھېلىقى خارابىلىقنىڭ ئىزىغا بېرىپ ئابىدىلەرنى قايتىدىن كولاپ چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار ھازىرغىچە شۇ يەردە ئۇيقۇ ھالىتىدە ياتماقتا. خاھى ئۇ ئىبادەتخانا ياكى ئابىدىلەر بىزگە سىر بولغان بىلەن شەرقنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىگە تولىمۇ ئېنىق. مېنىڭ بىلىشىمچە 3 ئەنگىلىيەلىك ۋە 2 روسىيەلىك ھېلىقى ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلغان. » بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەن رايشىدىن ھېلىقى كۇتۇپخانىلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بىرسىنىڭ ھازىر بار يوقلىقىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: « مېنىڭچە ھازىر يوق ئوغلۇم، بىز داستان قىلىپ يۈرگەن ھېلىقى رايشى شەھىرىمىز ئايخۇدىيا باسقۇنچى قوشۇنلار تەرىپىدىن بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىپ كۆيدۈرۈپ تاشلانغان. سىرلىق ئارخىپلار بىلەن تولغان ھېلىقى نائاكال كۇتۇپخانىمىز بار ئىبادەتخانىنى دۈشمەنلەر تاپالمىغان. ئەگەر بۇ رىۋايەتلىرىمىز راس بولسا نائاكال كۇتۇپخانىسى ھېلىقى ئىبادەتخانىنىڭ خارابىسى ئاستىدا ئەينەن ئۆز پېتى ئامان ئېسەن ساقلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ » دېدى. بۇ ماڭا شۇنىڭدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىۋاتىدۇكى، نامىنى ئاتاپ ئۆتكەن تىبەت، كەشمىر ۋە شىمالى ھىندىستاندىكى جايلار، يوللار، ئۆتكەللەر ھەققىدىكى يازمىلىرىم ئىچىدە بۇ ئۇچۇرنىڭ سىياسى قىممىتى ھەممىدىن يوقۇرى، سەۋەپ: بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ئاساسى بار. شۇڭا بۇنىڭدا كۆڭلۈمنىڭ رايىغا بېقىشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچۇم ۋە خۇشاللىقىم دەپ قارايمەن.
خىتاي مەدەنىيىتى ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرسى دېيىلىپ ۋە شۇنداق قارىلىپ كەلدى. لېكىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئارانلا  5000 يىل ئەتراپىغىلا بارىدۇ. ئۇلار ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزىمىز راۋاجلاندۇرغان _ دەپ ئىشىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلارغا ئاتىلىرى تەرىپىدىن مىراس قالدۇرۇلغان.  يەنە بىرسى خىتايلار قارىماققا موڭغۇللارغا بەك ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار يېرىم موڭغۇل ئېرقىغا تەۋە. ئۇلارنىڭ يىراق بوۋىلىرى ئاق تەنلىك ئارىيانلاردۇر. ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسى دەۋرىدە بىر مۇنچە ئاق تەنلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەللەردىكى سېرىق تەنلىك موڭغۇللار بىلەن ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغان ۋە ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى خىتايلارنىڭ تۇنجى ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان.  قەدىمكـــــــــــــى يازمىلاردا « ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرى سېرىق تەنلىك بەدىۋىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چىرايلىق ئاياللارنى تاللاپ ئەمرىگە ئالاتتى » دەپ قەيت قىلىنغان. شەك شۈبھىسىزكى بۇ تەرجىمىدىكى خاتالىق. چۈنكى ئۇ چاغلاردا بۇنداق تويلىشىشنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقى ئېنىق. دۇنيادا بەدىۋىلەر ھېچقاچان چىراي تۇرقىدىن مەلۇم بولمايدۇ. دېمەك ئۇنىڭ مەنىسى « سېرىق تەنلىك ئەبگا ئىرق »  دېگەنلىكتۇر. ئەنئەنە جەھەتتە بۇ « سېرىق تەنلىك موڭغۇللار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەدىۋى ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن تۇراتتى » دېگەننى ئىسپاتلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن خىتايلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالى نەسەپتىكىلىرىنىڭ ئۆڭى ئاق سۈزۈك بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ ئالامىتىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى تۆۋەن نەسەپلىك، ئادەتتىكى قارا ئىش قىلىدىغان خىتايلاردا ئۇيغۇر قېنى يوق. مانا بۇلار بولسا قەدىمقى سېرىق تەنلىك موڭغۇللارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر. بۇنداق ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغان ئۇيغۇر دادىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس تەربىيىلىنىپ چوڭ بولۇشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭا تومۇرىدا ئۇيغۇر قېنى ئېقىپ تۇرغان، ئۇيغۇرلارغا خاس يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ تەربىيىسى سىڭگەن ئەۋلاتلار تۇنجى خىتاي ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. دېمەك خىتاي مەدەنىيىتى ___ ئۇلارغا ئاتا بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. خىتايلارنىڭ تەرىقەتچىلىك دىنى ئىبادەتخانىلىرىدا ساقلانغان نۇرغۇنلىغان يازمىلار يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمىزنى ئىسپاتلايدۇ ھەمدە بىرمۇنچە خىتاي مۇتەپەككۈرلەر بۇنى شەك شۈبھىسىز ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىتايلاردا « خىتايلار باشتىن ئاياق ئاسىيادىلا ياشىغان بولماستىن بەلكى ئۇلار يىراق ئەللەردىن قۇياش چىققان جايلارنى قوغلىشىپ كەلگەن » دېگەن ئەنئەنىۋى قاراش گەۋدىلىك ساقلانغان. مەن خىتايلارنىڭ رىۋايەت تۈسىدىكى تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن خىتاي رىۋايەت ئەپسانىلىرىنى تېپىپ توپلاشقا تىرىشىپ باقتىم.  بۇلار ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدىم.
تۆۋەندە خ . ئې . پاركېرنىڭ خىتاي تارىخى توغرىسىدىكى كىتابىنىڭ 71- بېتىدىن مىسال كەلتۈرىمەن:  « سۇلالىلەر نامى، پادىشاھلار سانى، سەلتەنەت سۈرگەن دەۋرى. بەش پادىشاھ دەۋرى، 9 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2852- 2206- يىللار شيا 18 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2052 – 1767- يىللار شاڭ 28 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1766- 1122- يىللار غەربى جۇ 10 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1121- 828- يىللار شەرقى جۇ 25 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى827- 255- يىللار » يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا ھەرقايسى سۇلالىلەردە ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: بەش پادىشاھ دەۋرى ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 71 يىل شيا ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 24 يىل شاڭ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 23 يىل غەربى جۇ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 29 يىل شەرقى جۇ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 22 يىل   پاركېر مۇنداق دەيدۇ: « بەش پادىشاھ دەۋرى دېگىنى تامامەن ئەپسانە؛ شيا سۇلالىسى دېگىنىمۇ ئەپسانە ئارىلاشقان رىۋايەت؛ ساڭ سۇلالىسى دېيىلگىنى ئاساسەن رىۋايەت؛ غەربى جۇ سۇلالىسىدە سەلتەنەت سۈرگەن 10 پادىشاھ  دېگىنى يېرىم رىۋايەت؛ شەرقى جۇ سۇلالىسىدە سەلتەنەت سۈرگەن 25 پادىشاھ دېگىنى تارىخ» . يوقۇرىقىلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى پاركېر ئاڭلىغانلىرىغا ئەمەس، پەقەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىگە ئىشەنگەن.  رىۋايەتلەرنىڭ مەيلى قانچىلىك راست بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئۆزى ئىشەنچ ھاسىل قىلغىدەك يازمىلارنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك ئەپسانە دەپ قارىغان. مېنىڭ ئادىتىم بولسا ئەپسانىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئىزدەيمەن.  90- قېتىمدا بولمىسىمۇ 100- قېتىمدا ئۇنىڭ ئەپسانە ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. ئەپسانە رىۋايەتلەر ئۈزۈپ چاپلىنىش جەريانىدا كەم كۈتىسىز توقۇلمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى ئوت يېقىلمىسا ئىس چىقمايدۇ. خۇددى پاركېر ئېيتقاندەك ئەپسانىنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر ئۈزۈپ چاپلانغان رىۋايەت ئىكەنلىكىدىن مەنمۇ گۇمانلانمايمەن. خەلق ئاغىزىدىكى ھېلىقى توقۇلمىلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خىلمۇ خىل نەق يازما خاتىرىلەرنى تەرىقەتچىلىك (داۋجياۋ) دىنى ئىبادەتخانىلىرىدىن تېپىش مۈمكىن.
پاركېر خىتايلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 200- يىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچىلىك بولغان تارىخىنى ياخشى ۋە تەپسىلى شەرھىلىگەن. ئۇ ھەرقايسى موڭغۇل قەبىلىلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخىنى بايان قىلىپ بەرگەن. لېكىن ياپونلارغا كەلگەندە مۇتلەق خاتالاشقان. يەنى ئۇلار توغرىسىدا خاتا كېچىككە كىرىپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈملىرىدىن شۈبھىلىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىستىلى يوغان مۈڭگۈزلۈك قوينى ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قېرى ماركو پولونى ھەپسىگە ئالغۇچىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ گوبىدىكى ۋەيرانچىلىقلارنىڭ ئىزنالىرى ۋە باشقا تارىختىن بۇرۇنقى بۈيۈك ئۆزگۈرۈشلەرگە ئائىت ئىزلارنى قانداق ئىزاھلاپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇقمىدىم. روشەنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇنداق نەرسىلەرنىڭ كارىيىتى چاغلىق بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ۋەيران بولۇپ، ئارىدىن 7- 8 مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن موڭغۇل ئېرقىدىكى ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ سانسىزلىغان ئاھالىسى شەرقى ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ ياشىغان. چىڭگىزخان ۋە قۇبلايلار ئەنە شۇ تاتار ئېرقىغا تەۋە موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەشھۇرلىرىدۇر. قۇبلايخان مىلادى 1277- يىللىرى يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 600 يىللار بۇرۇن ئۆتكەن.
خىتاي مۇتەپەككۈرى ۋە پەيلاسوپى كۇڭفۇزى مىلادىدىن بۇرۇنقى 511- يىلىدىن 480- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى خىتاينىڭ يازما تارىخى باشلىنىپ 300 يىللار ئۆتكەندە ياشىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 214- يىلى ئېمپىراتور چىن شىخۇاڭ بارلىق كىتاپلارنى ۋە قەدىمقى خىتاي ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن سان ساناقسىز كىتاپلار تارتىۋېلىنىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن. كۇڭفۇزى ۋە مېڭزىنىڭ كىتاپلىرىمۇ ئوتقا تاشلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ھۇنلارنىڭ خىتاينىڭ شىمالىغا توختىماي ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلىنى سوقتۇرغىنى دەل پادىشاھ چىن شىخۇاڭ بولۇپ، ئۇ بارلىق قەدىمقى يازمىلارنى تەل تۆكۈس كۈل قىلىۋېتىش نىيىتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرالمىغان. چۈنكى يازمىلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى قۇتقۇزىۋېلىنغان ۋە تەرىقەت (داۋجياۋ) دىنى ئىبادەتخانىلىرىدا يوشۇرۇن ساقلىنىپ قېلىنغان. ھازىر شۇ جايلاردا دىنى تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇرىۋاتماقتا. بۇنى شۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ راھىپلىرىدىن ئۆزگە ھەرقانداق كىشىلەرنىڭ كۆرەلىشى مۈمكىن ئەمەس.  
شۇنىڭ بىلەن شەرقى ئاسىيا توغرىسىدىكى باپ تۈگىدى. كېيىنكى باپتا غەربى ئاسىيا ھەققىدە توختىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن يىراق شەرقى ئاسىيادىكى بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ۋە ئۇنىڭ پايتەختىگە دائىر مەزمۇنلار بىلەن تولغان جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاغزى ئېتىلدى. 3- ئېرا ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ___ مېنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىم ____ 20000 يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن، « توپان بالاسى » دەپ قەيت قىلىنغان دەھشەتلىك ئاپەتتىن بۇرۇن ئەپسانە تۈسىنى ئالغان گېئولوگىيەلىك « مۇز دەۋرى » دىن بۇرۇن ۋە يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇنقى، يەنى 3- ئېرادىكى ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىدىن ئىبارەت. 214- بەتتىكى ئاددى خەرىتە بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيېسىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە ھازىرقى جايلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ سىزىلدى.
بۇنىڭدىن 20000 يىللار بۇرۇن بىرمۇنچە يەرلەر چۆكۈپ كەتكەن بولسا، يەنە بىرمۇنچە يەرلەر ئۆرلەپ چىققان. مەن تېنچ ئوكياندىن ئاتلانتىك ئوكيانغا قارىتىپ ئاسىيانىڭ مەركىزىنى ۋە ياۋروپانى كۆرسەتكەن بىر كۆرسەتكۈچ سىزىق سىزدىم.  مانا مۇشۇ سىزىق ئېمپىرىيەنىڭ تەخمىنى مەركىزىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇقلىرى بالقانلىقلار ئارىسىدا تېپىلىدۇ. ئەڭ چەتتىكى ئالدىنقى قاراۋۇللىرى ___ ئېرلاندلار، فرانسىيەدىكى بېرىتونلار ۋە ئىسپانىيەدىكى باسكلاردۇر. ئېمپىرىيەنىڭ شىمالى چېگرىسىنىڭ قانچىلىك ئۇزاقلارغا سوزۇلغانلىقى نامەلۇم. ئىشقىلىپ يىراق سىبىرىيەدىن قەدىمقى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى تېپىلدى. خەرىتىنىڭ غەربى قىسمى جەزمەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغان چېگرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان ئىككى چېگرىسى ___ شەرقتە تېنچ ئوكيان ۋە جەنۇپتىكى ناگا ئېمپىريەسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق ھالدا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ تېنچ ئوكيانغا كېڭەيگەنلىكى ياكى بولمىسا ئالدىنقى قاراۋۇللىقىنى تۇرغۇزغانلىقى تېخى نامەلۇم بىر سىر. ھالبۇكى بىز ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدا ئۇلارنىڭ پۇشتىلىرىنى تاپتۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمىدى. قەدىمقى شەرق ھۆججەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ئۆز ئالدىغا خان ھۆكۈمرانلىرى بار، كىچىك خانلىق ياكى بەگلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئېمپىرىيە بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنە بىر ئەڭ يوقۇرى ئېمپىراتۇر ياكى پادىشاھقا قارام بولغان. ئۇ بولسىمۇ مېتروپولىيە قۇياش ئېمپىريەسى « مۇ » غا قارام بولغان. ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئەندىزىمىزگە نەزەر تاشلايدىغان بولساقلا ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ زورىيىپ بىر قوشما شىتاتقا ئايلانغانلىقىنى قىياس قىلىشىمىز تەس ئەمەس. « مۇ » نىڭ ئۆزى بولسا شۇ چاغدىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر قوشما شىتات ئىدى.
_________________
بۇ ئەسەر ئەنگىيىلىك  ئېكىس پېدسىيە چى ئارخولوگ ئالىم جېمىس كولونېل چېرچۋاردنڭ « غايىپ بولغان _ مۇ _ قېتئەسى » دېگەن كىتابىنىڭ 13- بابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەنبەسى : ئاققۇش تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ