ئاقسارايغا يېزىلغان خەت( تارىخى ماتېريال)

  Vollbild anzeigen
ئامېرىىكا قوشما  شىتاتلىرى دۆلتنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرىگە

ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت بۇش ئەپەندى :

كېيىنكى 10 يىل ئچىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى،     نور ۋېگىيە رافتۇ فوندى جەمئيىتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ  كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىلىق ئۇيغۈرلارنىڭ  خىتاي  ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان  كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۈرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۆڭۈل بۆلدى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلدى.
2007    ‏-يىلى 6‏- ئاينىڭ 5  ـ  كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ  پايتەختى پىراگا شەھرىدە  پرېزىدېنت بۇش ئۇيغۈر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىري رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە  يوقۇرى باھا بەرگەندىن كېيىن ، شۇ ۋاقىتتا لورا بۇش خانىممۇ رابىيە قادىر بىلەن  كۆرۈشۈپ، شۈڭغىچە يەر شارىنىڭ  بىر بۇرجىكىدە ئگىسىز، باشپاناھسىز،  تاشلىنىپ قالغان ئۈيغۇر مىللىتى بىر دەقىقىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ بەخىتلىك، دۇنيانىڭ كۆزى چۈشكەن بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى.  رەخمەت ئامېرىكا خەلقى!
چەكسىز سۆيۈنۈشكە، چەكسىز ئىلھامغا ، چۇڭقۇر مۇھەببەتكە ئېرىشكەن ئۈيغۈرلار  بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە  يوللايدىغان كۆڭۈل رېشتىنى ، پىكىر ـ تەلەپلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىزھارلىدى.
ئۇيغۈرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۈرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ھازىرغىچە توختاتمىدى. بۇ يىل 1‏-ئاينىڭ 8‏-كۈنى سىياسى مەھبۇس ئسمائىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسى بەردى .( بۇكىشىنى پاكىستان ھۆكۈمىتى2003‏-يىلى پاكىستاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆ تكۈزۈپ بەرگەن) خىتاي   ھۆكۈمىتى   ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونىدا   پىلانلىق تۇغۈت سىياسىتىنى ئۇيغۈرلارغا قارىتىپ ، توغرىسىنى ئېيتقاندا  ئۇيغۈرلارنى پىلانلىق ئۆلتۈرۈش سىياسىتىنى توختاتمىدى . مەسىلەن  خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنخۋا شىې ئاگېنېتلىقى 2005‏-يىلى 5‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: « ئىگەللىشىمىزچە  نەچچە يىللىق تېرىشچانلىق ئارقىلىق ئۈيغۈر ئاپتونوم رايونىمىز  نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، نوپۇسنىڭ تېز كۆپۈيۈش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلدى.  20  نەچچە يىلدىن بويان ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونىدا  3   مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەم ئاز تۇغۇلغان.  نوپۇسنىڭ تەبىئى كۆپۈيۈش نىسبىتى 1975‏-يىلىدىكى 24.36%تىن 2004‏-يىلىدىكى10.91 %كە ،تۇغۈلۇش نىسبىتى 1975‏-يىلىدىكى 33.10%تىن 2004‏-يىلىدىكى16% كە تۆۋەنلىگەن. »( ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  2005‏-يىلى 5‏-ئاينىڭ 23‏-كۈنى)
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلتنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى:
ئۇيغۇرلار خىتاي خەلقىگە سېلىشتۇرغاندا  ، ئاز سانلىق ئېتنىك مىللەتقۇ. « پىلانلىق تۇغۇت » سىياسىتىنى ئۇيغۈرلارغا قارىتىشنىڭ كەينىگە قانداق غەرەز يوشۇرۇنغان؟ _ خىتاي كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتى  ئۇيغۈر مائارىپىنى، ئۇيغۈر مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇش سىياسىتىنى زوراۋانلىق بىلەن يولغا قويدى .   ئچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتـىپ خىتاي تىلىدا ئوقۇشقا زورلانغان  12ياشلىق ئۇيغۈر بالىلارنىڭ سانى 5مىڭدىن 10مىڭغا كۆپەيتىلدى.  ھازىر ئۇيغۈرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا- كەنتلەردە    يەسلىلەردە، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا مەجبۇرى ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى.   خىتاي تىلى بىلمەيدىغان  ئۇيغۈر ئوقۇتقۇچىلار باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ، ئالى مەكتەپلەردىن قوغلاپ چىقىرىلدى.  ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئوقۇتقۇ چىلارنى يۆتكەپ كېلىپ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇردى.
ھۆرمەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى:
خىتاي   ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۈر   مىللىتىنى ئېتنىك مىللەت سۈپىتىدە يوقۇتۇش سىياسىتىنى زوراۋانلىق بىلەن يولغا قويغانلىقى  نۆۋەتتە ئۇيغۈرلارغا ئەڭ ئېغىر كەلگەن پاجىئە ھېسابلاندى.
تېرورىستلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا  ئارمىيىسى 2001-يىىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونى ئافغانىستانغا چېگرالىناتتى.   2002 ‏- يىلىدىن باشلاپ خىتاي   ھۆكۈمىتى  ئافغانىستانغا چېگرالىنىدىغان قەشقەردىن ئۇيغۈر ياشلىرىنى ئچكىرى خىتاي   ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى يۆتكەپ كېتىشكە باشلىدى.  مەسىلەن: ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونلۇق  ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ ئاشكارىلىشىچە   2006 ـ يىلى   بىر يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت  ئۇيغۈرلاردىن  جەمئى  1مىليون  150مىڭ  ئەمگەك كۇچىنى  ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ،   2007‏- يىلى  بۇ ساننى  يەنە كۆپەيتىپ  1مىلىيۇن  200مىڭغا يەتكۈزمەكچى  بولدى .
ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى خىتاي  ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىش  ھەرىكىتىنى خىتاي   ھۆكۈمىتى«  ئېشىندى ئەمگەك كۇچلىرى»، « ئۇيغۈر دېھقانلىرىنى بېيىتىش يولى» ،«   تېخنىكا ئۈگىنىش يولى   » دەيدىغان   ناملار بىلەن  نىقاپلىدى.
« ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى »  ئۇيغۈر بۆلۈمىنىڭ ئىجتھاتلىق مۇخبىرلىرىنىڭ تېرىشچانلىقى ئارقىلىق  خىتاي   ئۆلكىلىرىگە يۈتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاھشە خانىلارغا سېتىلغانلىقى مەلۇم بولدى . زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۈر قىزلىرىغا مائاش بېرىلمىدى .  ھەق تەلەپ قىلغانلارغا: سېنىڭ مائاشىڭنى سېنى بىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئۆرگانلارغا بېرىپ بولدۇق _ دېدى.  ھازىر خىتاي  ھۆكۈمىتى  ھەربىر ئۇيغۈر ئائىلىگە  بىردىن قىز بېرىش توغرىسىدا بېسىم ئشلىتىپ، قىزلىرىنى ئچكىرى خىتايغا ، خىتاي   ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشكە قوشۇلمىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار مەجبۇرى ئەمگەككە ۋە  ھاشاغا ھايدالدى، تۈرمىلەرگە تاشلاندى، جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇرلاندى.  خىتاي ھۈكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر نىڭ ئۆغول-قىز ياشلىرىنى خىتاي  ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ؟
1  ـ ئۇيغۈرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقۇتۇش.
2 ـ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش  كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش.
3 ـ  رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش .( ئامېرىكا ئارمىيىسى« شىنجاڭ »غا چېگرا بولغان  ئافغانىستانغا يېتىپ كەلدىدە)
بىز تۆۋەندە   3 ـ  نوقتىدىكى مەسىلە توغرىسىدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتەيلى.
ئامېرىكىدا تەتقىقات ئۆرگانلىرى « ئامېرىكا _ خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەربى كۇچى توغرىسىدا ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆتتۇرىسىدا ئۇرۈش بولىدىغانلىقى توغرىسىدا » نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىشتى .ھەتتا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ بەزى گېنېراللىرى تەيۋەن بوغىزىدا ئۇرۇش پارتلايدىغان بولسا  تەيۋەننىڭ دېمۇكراتىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن  ئامرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئارىلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى.  ئەگەر شۇنداق ئۇرۇش بولىدىغان بولسا  يەر شارىنىڭ قايسى بۇرجىكىدە   خىتاي  ئارمىيىسى ئامېرىكا  ئارمىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى مۇمكىن؟ _ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ، ناتۇ ئافغانىستاندا ھەربى بازا قۇردى . شۇنداق ئكەن خىتاي  ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىدىغان ئورۇن  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇلۇپ قالمامدۇ؟ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ  ئەگەر باشقىچە غەرىزى بولمىسا نېمىشقا ئۇيغۈرنىڭ قورال تۇتالايدىغان ، ئۇرۇش قىلالايدىغان ئوغۇل- قىزلىرىنى  ئىچكىرى خىتاي  ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىپ ئۇيغۈر ئاپتونوم  رايونىدا ئشقا ئۆرۇنلاشتۇرىدۇ؟  ئۇيغۈرنىڭ زىيالىلىرى، سىياسى ئاكتىپلىرى« ئۇيغۈر ياشلىرىنى ئچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۈتكەپ كېتىۋاتقان  خىتاي كوممۇنىستلىرى  ئەمەلىيەتتە رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ» _ دىيشتى.
ھازىرغىچە ياكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياكى خەلقئارا  كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاي   ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى  ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونىدىن  خىتايلار ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كېتىشىنىڭ ھەقىقى سىرىدىن خەۋەردار بولالمىدى.  ھەتتا  2000   ـ يىللىردىن باشلاپ  خىتاينىڭ ھەربى كۇچى توغرىسىدا ھەر يىلى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان  بەش بورجەكلىك بېنا   تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھەربى تەڭپۇڭلىقى توغرىسىدىلا توختۇلۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربى قۇرۇلۇشى، ھەربى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە بۇ رايونغا ھەربى يۆتكەش قاتارلىق  مەقسەتلىرى توغرىسىدا ھەرگىز توختالمىدى. ئچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋاقتانى-ۋاق كەلگەندە ئامېرىكا  ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە  مۆرىنى- مۆرىگە تېرەپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلماسمىدى؟

سىياسى ئارزو ۋە تەلەپلىرىمىز.
1 ـ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ  نۆۋەتتە ئۇيغۈرلارنىڭ ئېتنىك مىللەت ئكەنلىكى توغرىسىدا ؛ ئۇيغۈرلارنىڭ كىملىك سالاھىيىتى تارىخى، دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە   ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن بۇ زېمىننىڭ  ئۇيغۈرلارنىڭ ۋەتىنى ئكەنلىكى توغرىسىدا؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى( ئۇيغۇرىستان ) نىڭ  تاجاۋۇز قىلىنغان دۆلەت ئكەنلىكى توغرىسىدا؛ خەلقئارا قانۇنلارغا، نىزامنامىلارغا بىرلەشتۈرۈپ  قانۇن لاھىيە ماقۇللاپ بېرىشىنى ۋە  بۇ قانۇن لاھىيەنى پرېزىدېنتنىڭ  تەستىقلاپ بېر ىشىگە يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2 ـ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۈرلارغا سىياسى پاناھلىق بەرگەنلىكىدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈيغۈرلارغا سىياسى مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
3 ـ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىشىغا ۋە دۆلەتنىڭ ھەر خىل ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشىگە  ئېرىشىش پۇرسىتى  يارىىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
4  ـ ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ۋە باشقا غەرپ دولەتلىرىدە  قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا  ئامېرىكا  دولەت مەجلىسىنىڭ  ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىشىنى ئۈمىد قلىمىز.  (ئەلۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە  ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا خەلقىنىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا ئېرشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپتىن- كۆپ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈمىز)
5 ـ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ«  ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو سى»  دا  ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇرلارغا  پروگىرامما ئېچىپ بېرىشىنى ۋە «  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»  دا  ئشلەشكە چۈشكەن ئۇيغۈر بۆلۈمىنىڭ  ئاڭلىتىش ۋاقىت تەرتپىنى  يەنە بىر سائەت ئۇزارتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
6 ـ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا  ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەردە  خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئشلىتىپ، ئۇيغۇر قىزلىرى ۋەئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى  خىتايلار ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى يۆتكەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا؛ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۈر مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى مەجبۇرى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا؛ خىتاي كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى توغرىسىدا؛ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ  ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ ئۇيغۇرلارنى ئىشسىز قالدۇرغانلىقى ، ئېكولىگىيىلىك مۇھىيتنى بۇزغانلىقى  ۋە  ئۇيغۈر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى نوپۇس- ئاھالە تەڭپۇڭلىقىنى بۇزغانلىقى توغرىسىدا  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىري ھۆكۈمىتىنىڭ  خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا  خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئشلىتىپ،  قانۇنى جاۋابكارلىقىنى  سۈرۈشتە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
7 ـ ياۋرۇپا ئتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغان  كىشىلك ھوقۇقۇلىرى توغرىسىدا قانۇن لاھىيە ماقۇلىىشىغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
8 ـ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتتۇرا ئاسىيادا قازاغىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، جەنۇبى ئاسىيادا پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دولەتلەرگە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرى بويىچە بېسىم ئىشلىتىپ، سىياسى پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى، سىياسى مۇساپىرلارنى شۇ دولەتلەرنىڭ  خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى توغرىسىدا  دىپلوماتىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى » غا  ئەزا دۆلەتلەرگە  ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە  قاتتىق بېسىم ئشلىتىپ ، ئالاقىدار دۆلەتلەردە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۈرلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . مەسىلەن : ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا  2006 ـ يىلىدىن بويان قازاغىستاندا قازاق ساقچىلىرى قولغا ئالغان ئۇيغۇر ياشلىرنىڭ سانى  6نەپەردىن ئېشىپ كەتتى .
9 ـ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى  بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ كۇچىنى ۋە دېپلوماتىيە ساھەسىدە قۇدرەتلىك كۇچىنى ئشقا سېلىپ سەئودى ئەرەبىستانغا ۋە خەلقئارا ئىسلام  ئتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئەرەپلەر ئتتىپاقىغا  بېسىم ئشلىتىپ، ئەرەبىستاندا قولغا ئېلىنغان  ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە ، خىتايغا تاپشۇرۈپ بەرمەسلىكى توغرىسىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئسلام دۆلەتلىرىنىڭمۇ  ئۇيغۈرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئۆينىشى ئۈچۈن  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ  ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
10 ـ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ  يەر شارى خاراكتېرلىك ئستراتېگىيىلىك  سىياسەتلىرىدە  ئۇيغۈرلارنىڭ ئورنى بولىشىنى ئارزو قىلىمىز ، ئۈمىد قىلىمىز ، تەلەپ قىلىمىز. ئامېرىكىنىڭ ئۆتتۇرا ئاسىيا غا قاراتقان سىياسىتىدە ئۇيغۈرلار مەسىلىسىنى مەركىزى ئورۇنغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
11  ـ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تاشقى ئشلار مىنىستىرلىكىنىڭ  ئاسىيا ئشلىرى بۆلۈمىدە  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنڭ ئۈيغۈر خەلقىگە مەخسۇس  ۋەكىل تەيىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
12 – ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى  1943‏-يىلى  رىچارد ئېرمۇندى ئەپەندىنى  ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق  كونسۇل قىلىپ تەيىنلىگەن. تارىخى تەرتىپلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدە  كونسۇل تۇرغۇزۈشنى قەتئى تەلەپ قىلىمىز.
13 ـ  2001 ـ  يىلى  يەر شارىدا  تېرورىستلارغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي   ھۆكۈمىتى « تېرورىستلار» ، «  دىنى رادىكالىستلار » دەيدىغان  جىنايەت تۈرلىرىنى  قانۇننىڭ سىرتىدا سىياسەت بىلەن ئجرا قىلىپ گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالدى. بۇ ئۇيغۈرلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرش توغرىسىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي  ھۆكۈمىتىگە قاتتىق  بېسىم ئشلىتىشىنى ئۈ مىد قىلىمىز.
14 ـ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كوممىتېتى ھەر يىلى ئاساسلىقى دېگۈدەك ئسرائىللىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر  مەسىلىسىنى قاراپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە  ئسرائىللىكەر ئەيىپلەندى. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا بولۇپمۇ خىتاي كومۇنىستلىري دەپسەندە قىلغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە سەل قارىدى.  ئاڭلاشقا قوپال بولسىمۇ  تۆۋەندىكى ئشلارنى  دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى لايق تاپتۇق.  ئسرائىل دۆلىتى پەلەستىنلىكلەرنىڭ نامايىش قىلىشىغا، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشىغا ھەتتا قولىغا قورال ئېلىشىغا رۇخسەت قىلدىغۇ؟ ئەكسىچە خىتاي كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتى بىر پارچە ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۈر توختى مۇزاتقا  12 يىللىق قاماق جازاسى، بىر پارچە نەسىر يازغانلىقى ئۈچۈن  نۇر مەمەت ياسىنغا   10يىللىق قاماق جازاسى، كومپىيۇتېرغا ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن   مېنىڭ ئوغلۈم ئابىلىكم ئابدۇرېھىمغا   9يىللىق قاماق جازاسى بەردى.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى  پۈتۈن دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرسىگە  كۆڭۈل بۆلەمدۇ  ياكى ئايرىم رايون ئايرىم دۆلەتلەرنىڭلا  كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ شۇڭا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇدرەتلىك  دېپلوماتىك  كۇچىنى ئشقا سېلىپ، بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ  كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە  يەنە بىر قېتىم ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز
15 ـ ئۇيغۇرنىڭ دىنى ئېتىقادىنى چەكلەش، دنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى تەقىپ قىلىش  « قانۇنسىز دىنى پائالىيەت » نامىدا جىنايەت ياساپ چىقىپ ئۇيغۇرنىڭ دىنى ئاكابىرلىرىنى قولغا ئېلىشنى توختۇتۇش توغرىسىدا ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتىتىق  بېسىم ئشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز .
سۆيۈملۈك ئامېرىكا خەلقى! ئۇيغۈرلارنىڭ ئوڭ قولى كۆكسىدە  سالام ئامېرىكا!
تۆۋەندىكى تەلەپلىرىمىزگە، ئۈمىدلىرىمىزگە،  ئامېرىكا دولەت مەجلىسىنىڭ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاقساراي – دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جىددى كۆڭۈل بۆلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
2005 ‏ -يىلى 5‏-ئاينىڭ  6‏- كۈنى  پرېزىدېنت بۇش  بالتىق بويىدىكى دۆلەت لاتۋىينىڭ پايتەختى رېگا  شەھرىدە نوتۇق سۆزلىگەندە  يالتا يىغىنى ئىنتايىن زور خاتالىق بولغان ئىدى  دەپ  كۆرسەتكەن ۋە شەرقى ياۋرۇپا خەلقىلىرىدىن ئەپۇ سورىغان ئدى . « يالتا يىغىنى » غا مۇناسىۋەتلىك  سابىق سوۋېتلەرنىڭ  شەرقى ياۋرۇپا ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ ئالغانلىقى، شەرقى ياۋرۇپا ئەللىرىنى ئەزگەنلىكى توغرىسىدا روسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ  پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ  شەرقى ياۋرۇپا ئەللىرى خەلقلىرىدىن  ئەپۇ سورىشىغا پرېزىدېنت بوش ھەيدەكچىلىك قىلدى.
2005 ‏- يىلى 5‏-ئاينىڭ 6- كۈنى ب ب س مۇنداق خەۋەر تارقاتقان ئدى:  « روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ  پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن  مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا  گېرمانىيە تېلىۋىزىيە  مۇخبىرىنىڭ  زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، سوۋېتلەر ھوكۈمىتى  1989 -يىلى بايانات ئېلان قىلىپ، سوۋېتلەر بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتتۇرىسىدا   1939  ‏ – يىلى ئىمزالانغان ، مولوتوپ ( روسىيىلىك ) ، دىمىنتىروپ( گېرمانىيىلىك)    قول قويغان  روسىيە –  گېرمانىيە شەرتنامىسى  سىتالىننىڭ شەخسى قارارى بولۇپ ، سوۋېت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئدى _ دەپ كۆرسەتكەن».  كۆرۈنۈپ تۈرۈپتىكى، بالتىق بويىدىكى 3 دۆلەتكە شۇ چاغدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا  سابىق سوۋېتلەر ئەپۇ سورىغان ئدى .   يەنە قايتا  ئەپۇ سوراشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق _ دېدى  ۋىلادىمىر پۇتىن.
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر.
ئۇيغۇر خەلقى  20 – ئەسىرنىڭ ئاۋالقى يېرىىمىدا  1910  ‏-يىلى ، 1924  ‏-يىلى،  1933‏-يىلى، 1944‏-يىلى جەمئى  4قېتىم ئىقىلاب قىلىپ  1933‏-يىلى بىرىنچى قېتىم  1944‏-يىلى ئىىكىنچى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئدى. قىسقىغىنە  10يىل ئچىدە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئدى.  بىراق  1933 ـ يىلى 11 – ئاينىڭ  12 -كۈنى  قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى  1934‏- يىلى سىتالىن قوراللىق قوشۇن ئەۋ تىپ باستۇردى.   1944‏- يىلى   ئۇيغۇرىستاننىڭ ھازىرقى ئىلى رايونىدا  ئۇيغۈرلار  قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۇپ 11-ئاينىڭ ـ  12كۈنى  غۇلجا شەھرىدە ئويغۇرلار  مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇردى .  دەسلەپتە سىتالىن  خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە  بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشىدىن پايدىلانغان بولسا، كېيىن ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتنى  خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە  شەرتنامە ئارقىلىق سېتىۋەتتى.  مەسىلەن    1945 ‏-يىلى 8-ئاينىڭ  14 ‏ – كۈنى موسكۋادا « يالتا يىغىنى » نىڭ رامكىسى ئچىدە  خىتاي _ سوۋېت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۆتتۇرىدا  «خىتاي  -سوۋېت ئتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى » ئمزالاندى. شەرتنامىغا خىتاي تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە ۋەكىلى ۋاڭ شى جې،  سوۋېت تەرەپنىڭ تاشقى ئشلار مىنىستىرى مولوتوپ قول قويدى .  تارىخنىڭ بۇ دەقىقىلىرى ئامېرىكىلىق يازغۇچى جۇن گار ۋېر ( John w. Garver ) يازغان      («Princeton University Press 1988) ، (Chinese Soviet Relations, «1937-1945)  كىتابتا  پاكىتلىق ئېتىراپ قىلىنغان ئدى.

ئىككىنچى قېتىم  خىتاي  -سوۋېت ئىككى دۆلەتنىڭ  دىپلوماتلىرى ۋە  سىتالىن بىلەن ماۋزېدۇڭ   1950‏-يىلى  2  ـ ئاينىڭ   14  ـ كۈنى  موسكۋادا « خىتاي- سوۋېت دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى »ئىمزالاپ  ، سىتالىن ئۆخشاشلا « شىنجاڭ » نى  بۇ قېتىم   كوممۇنىست  خىتايغا  قوشۇپ بەرگەن.  ھەر قېتىم شەرتناما ئىمزالانغاندا   قوشۇمىچە ئۈيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەخپى كېلىشىم ئمىزالانغان بولۇپ،  بىزدەك بىر ئاجىز   مىللەت  ۋە بۇ مىللەت سىياسى ۋەكىللىرىنىڭ  مەخپى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالىشى مۇمكىنمىدى؟ ماۋزېدۇڭ بىلەن سىتالىن 1950  ـ يىلى«خىتاي -سوۋېت شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان چاغدا  ماۋزېدۇڭ  :            « شىنجاڭ مۇستەملىكە » دەپ ئېتىراپ قىلدى.  تارىخنىڭ بۇ دەقىقىللىرىدىكى ۋە قەلەر   يازغۇچى جاڭ رۇڭ بىلەن خالىدەينڭ : «  Mao: the Unknown Story» ناملىق كىتابنىڭ  خىتايچە نەشرى 33‏- بۆلۈمىدە ئېتىراپ قىلىندى.
سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى : گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى ئۆتتۇرىسىدا  1939       ‏-يىلى ئمزالانغان « سوۋېت- گېرمان شەرتنامىسى» نىڭ  سىتالىننىڭ شەخسى ئىشى ئكەنلىكى توغرىسىدا  1989 ‏-يىلى 5‏-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ شەرتنامىنىڭ مەخپى ئارخىپىنى پۈتۈن دۈنياغا جاكارلىدى ۋە بالتىق بويىدىكى 3 دۆلەتتىن ئەپۇ سورىدى .  ھازىرغىچە روسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتى ياكى پرېزىدېنت ۋىلادىمىېر پۇتىن 1945‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ  14 ‏-  كۈنى، 1950   ـ يىلى 2‏-ئاينىڭ    14   ـ كۈنى  ئىىككى قېتىم خىتاي- سوۋېت دۆلەتلىرى  ئوتتۇرىسىدا  ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئمزالانغان ھەر قانداق شەرتنامىنىڭ  تارىخى خاتالىق ياكى سىتالىننىڭ  شەخسى ئشى ئكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھەرقانداق  بايانات ئېلان قىلمىدى.
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ، ئۈيغۈرلارنىڭ پىكىر تەلەپلرى مۇنداق:
ئۇيغۇرلار  1933‏ -يىلى،   1944  ـ يىلىلىرى قۇرۇلغان دۆلەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا 20  ـ ئەسىرنىڭ  40  ـ يىللىرىدا روسىيە ۋە خىتاي دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئمزالانغان شەرتنامىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ياكى بىر تارىخى خاتالىق ئكەنلىكى توغرىسىدا  روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى  ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ  بايانات ئېلان قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا  ھازىرقى كۈندە  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ  روسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتىگە ، ۋىلادىمىر پۇتىنغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى  ياكى مۇشۇ توغرىدا قاتتىق بېسىم ئشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1944ـ  يىلى  « شىنجاڭ » دا ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ رەىبىرى  ئەخمەتجان قاسىمى  1949‏- يىلى  8  ـ ئاينىڭ   27  ـ كۈنى   تا س س نىڭ خەۋىرىدە ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى دېيىلدى. ئەمەلىيەتتە سىتالىن بىلەن ماۋزېدۈڭ بىرلىشىپ  بۇ رەھبەرلەرنى  مەخپى ئۆلتۈردى. ئۇيغۇر خەلقى ھەممىدىن ئاۋال مۇشۇ دىلونى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.
رەھمەت سىلەرگە ئامېرىكا  قوشما شىتاتلىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى!
ھۆرمەت بىلەن رابىيە قادىر
08.07.2007
ـــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىلاۋە:  ئاقسارايغا يېزىلغان  مەزكۇر ئەرز ۋە تەلەپنامە  لورا بوش خانىم   2007  ـ يىلى   6  ـ ئاينىڭ  5  ـ كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى  پىراگادا  رابىيە قادىرخانىم بىلەن كۆرۈشكەندە «   ئۇيغۈرلارنىڭ  نۆۋەتتىكى جىددى تەلەپلىرىنى   خەت ئارقىلىق دەرھال ماڭا يەتكۈزۈپ بېىرىڭ » دېگەن تەلىپىگە بېنائەن ، بۇلۇپمۇ   2007  ـ يىلى   7ـ ئاينىڭ  2  ـ كۈنى ئاقسارايدا لورا بوش خانىم رابىيە قادىرخانىمنى   قوبۇل قىلغىنىدا   يوقۇرقى تەكلىپنى يەنە بىر قېـتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن   يېزىلىپ    ئاقسارايغا يوللانغان. ئومۇم خەلقنىڭ ۋاقىپ بولۇشىغا سۇنۇلدى.

مەنبەسى :ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ