شەرقى ئاسىيادىكى خىتتايغا قارشى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئۇرۇش تۇمانلىرى

Vollbild anzeigen
شاگىرىت ( 26ياش)

ھازىر خەلقئارا سىايسەتشۇناسلىقتا ، ‹‹قەدىمدە ھەممە يول رىمغا تۇتاشقان، ھازىرقى زاماندا  ھەممە يول شەرقى ئاسىياغا ۋە خىتتايغا تۇتىشىدۇ›› دەيدىغان بىر گەپ بار . مېنىڭچە بۇ مەشھۇر سۆزنىڭ 21 ئەسىردە مەنىسى تېخىمۇ روشەنلەشسە كېرەك . چۈنكى 21 -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدا شەرقى ئاسىيا رايونىدىكى خىتتايغا قارشى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئۇرۇش تۇمانلىرى بۇ نۇقتىنى كۈنسىرى ئېنىق گەۋدىلەندۈرمەكتە . ئەگەر بۈگۈنكى دۇنيادا،   يەرشارىنى بىر چوڭ شاھمات تاختىسى ، ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ رەقىبلىرىنى بۇ شاھمات تاختىسىدىكى ئۇرۇقلارغا ئوخشاتساق ، شۈبھىسىزكى خىتتاي بۇ شاھمات ئويۇنىدىكى ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ رەقىبى سۈپىتىدە ، پادىشاھلىق ئورۇندىكى ئۇرۇققا ، روسىيە خانىش ئورنىدىكى ئۇرۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ پۈتۈن يەرشارىنىڭ  ھەرقايسى رايۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئۇرۇشلىرى ، چوڭ-كىچىك كۆلەمدىكى ھەربي ئوپىراتسىيىلىرى ، كۆپ قاتلاملىق خاراكتېرگە ئىگە فۇنكىسىيىلىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بىرلا ، يەنى ئۇ بولسىمۇ خىتتاينىڭ چىگىرىسىنى ۋە ئۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسىدىكى رايونلارنى ھەربي جەھەتتىن كونترول قىلىش . ئامېركىلىقلارنىڭ قارىشىچە ، بېرژىنىسكىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ‹‹ خىتتاي تېخى تازىلانمىغان بىر پارچە پوق ›› بولۇپ،ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا  ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ماددىي ۋە مەدەنىي دۇنياسىنى بۇلغاش خەتىرى بار .

شەرقى ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى تەيۋەننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى زور دەرىجىدە  قوللاش ئارقىلىق ،ئۇنى چوڭ قۇرۇقلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك بازىغا ئايلاندۇرماقتا . تەيۋەن جەنۇبىي خىتتاي دېڭىزدىكى بىر قانچە كىچىك ئاراللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ . بۇ ئاراللار ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ دېڭىز ئارمىيە فلوتىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىدىغان قىسىملىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بازا ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئاراللاردىن خىتتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن سانائەت  شەھەرلىرىگە زەربە بېرەلەيدىغان ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە لازىمەتلىكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇدەپىلىنىش سىستېمىسى روسىيەنى نىشان قىلغان بولسا ، تەيۋەندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى خىتتايغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلىدۇ .

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى خىتتاينى قورشاش ئۈچۈن  شىمالىي كورىيە ۋە بېرما ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . شەرقى شىمالىي ئاسىيادىكى شىمالىي كورىيە بىلەن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى بېرما خىتتاينىڭ ئەڭ يېقىن ئىتىپاقداشلىرىدۇر. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى شىمالى كورىيىدىن كېلىدىغان يادرو تەھدىتنى باھانە قىلىپ شەرقى شىمالىي ئاسىيا رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورناتماقچى . خىتتاي بىرمىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە بۇ دۆلەتتىكى قولايلىق دېڭىز ترانسىپورت ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا بىرما ئارقىلىق بىۋاستە چىقىپ ئامېرىكا كونتروللىقىدىكى مالاككا تەيۋەن بوغۇزىدىكىگە قارىغاندا كۆپ بىخەتەر دېڭىز ترانسىپورت لىنىيىسى بەرپا قىلماقچى .شۇنىڭ .ئۈچۈن ئامېرىكا بىرمىدا دىمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش باھانىسى بىلەن ئىزچىل بىرمىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەلدى . لېكىن ئامېرىكىنىڭ ھەقىقى مەخسىتى خىتتاينى بېرما ئارقىلىق قورشاپ ، ئۇنىڭ ھىندى ئوكيانغا چىقىشىنى توساپ،كەلگۈسىدە خىىتاينىڭ ئېنېرگىيە لىيىنىسىنى كېكىردىكىدىن بوغۇشتىن ئىبارەت.

خەلقئارادىكى بىر قىسىم  ئانالىزچىلار ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتپاقداشلىرى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ‹‹ بېيجىڭغا قارشى ئوپىراتىسيە›› ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ .ئۇلار ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى ئىسلام ، پان تۈركىزم ، مىللەتچىلىك قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئالاھىدىلىكىنى مەنبە قىلغان  ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى ۋاسىتىلىك ئۇسۇل بىلەن قوللاۋاتىدۇ دەپ تەھلىل قىلىشماقتا . تېخىمۇ مۇھىمى نۇرغۇنلىغان سىتىراتىگىيە مۇتەخەسسىسلىرى  ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى تىببەتنى بۇرۇندىن تارتىپ  كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇندىن كىيىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇندىن كىيىن تىبەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تەرىزدە كۆڭۈل بۆلىدۇ . جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئاخبارات توپلاش ، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ئوپىراتسىيىلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ھەرىكىتى تىبەتكە قارىغاندا سېلىشتۇرغۇسىز بىر سەۋىيىدە كۈچلۈك ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ قاراشماقتا.

شەرقى تۈركىستان ۋە تىببەتنى خىتتايدىن ئايرىۋېتىش ئۇنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇش قارا نىيىتىگە بېرىلگەن قاخشاتقۇچ زەربە . چۈنكى بۇ  خىتتاي ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان ۋە تىببەتتىكى غايەت زور مىقداردىكى تەبىئي بايلىقلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ . بۇنداق بولغاندا يەنە تېخى خىتاينىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋىت رۇس پوبلىكا دۆلەتلىرىگە بىۋاستە تۇتىشىدىغان سىياسى جۇغراپىيىلىك لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ . بۇ خىل ۋەزىيەتتە خىتتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇزۇن ھەم تورسىمان ترانسىپورت كارىدورى  ۋە مۇرەككەپ ئېنېرگىيە تۇربا لىنىيىلىرىنى زور دەرىجىدە چۈشەپ قويىدۇ . بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان  يەنە بىر دۇنياۋى كۈچ – خىتتاينى تەسەۋۋۇر قىلىش پەقەت بىر ئارتۇقچە ئىش بولىدۇ خالاس .

كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مۇستەقىل تىبەت ھۆكۈمەتلىرى خۇددى ھازىرقى ئۇكرائىنا ھۆكۈمېتىدەك رۇسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەبئىي گاز تەمىنلەش ئىشلىرىغا بىر تەرەپتىن ھەرخىل  قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن  رۇسىيىدىن تۇربا لىنىيىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققى ئېلىپ قاخشاتقىنىغا ئوخشاش ، كەلگۈسىدە خىتتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى دۆلەتلىرىدىن نېفىت ، تەبئىي گاز  ۋە باشقا ماددى ئەيشالارنى ئىمپورت  قىلىشىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايمەن . بۇ دەل ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت ئارقىلىق خىىتاينى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك مەخسەتلىرىنىڭ بىر قىسمى . ( يەنە باشقا ئىستىراتېگىيىلىك مەخسەتلەرنى كىيىنكى ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويىمەن .)

مەن بۇرۇنقى بىر پارچە ماقالەمدە قىسمەن نوختىدا ئامېرىكا خىتتاينى پارچىلىغۇسى يوق دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەنتىم .
بۇ ماقالىدە بولسا ئامېرىكا خىىتاينى پارچىلايدۇ دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈردۈم . بۇ ھەر ئىككى ئىدىيە  بىر -بىرىگە زىت دەپ قارىمايمەن . چۈنكى تەتقىقات نەتىجىلىرىم . توپلىغان ماتىرياللىرىمدا ھەر ئىككى خىل ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پاكىتى ۋە نوپۇزلۇق مەنبەلەر بار . بۇ ئىككى خىل مەنزىرىنىڭ قايسىسى كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى بۇندىن كېيىنىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشكە باغلىق . سىياسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلمىي شۇنىڭ ئۈچۈن مۇرەككەپ بىر ئىلمدۇركى ئۇنىڭدا تەبئىي پەندىكىدەك تەجرىبىدىن ئىرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى ماتېماتىكىلىق مودېل . لوگىكىلىق ئانالىزلارغا تايىنىپ كېسىپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ .  سىياسى ۋە ئىستىراتېگىيە ئىلمىدىكى ھەرقانداق بىر پۇختا ئىلمىي ھۆكۈممۇ تېگى تەكتىدىن ئالغاندا مەلۇم نىسبەتتە  پەرەز ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا بىر كېچىدە  ياكى مەلۇم بىر ئۇرۇش ، سىياسى ئۆزگىرىش ، ۋە ياكى بىر قىسىم ۋەقەلەر ئارقىلىق كۈچىدىن قېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن 11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن  سىياسى ۋە خەلقئارا تەرتىپ توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈملەر بىردەمدە كۈچىنى يوقاتقان بولسا بۇرۇن خاتا دەپ قارالغانلىرى توغرا دەپ ئېتىراپ قىلىندى . لېكىن بۇ دېگەنلىك ئېنىق يۈز پىرسەنت ئىشەنچ قىلغىلى بولمىغاندىن كىيىن سىياسى توغرىسىدا تەھلىل ، تەتقىقاتنىڭ پايدىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس . بىز تەتقىق قىلىپ ھەرخىل ئېھتىماللىقلارنى دەڭسەپ ، ئۇلارغا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرغاندىلا ئاندىن كەلگۈسىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيمىز .

مەنبەسى :ئازاتلىق تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …