ئىسرا’ئىليە پەلەستىن ئۇرۇشى


ئاپتور: ئۇمىدمۇستەقىل

ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بېرى غەززەدە (گازا ) ئىسرا’ئىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاۋا بومباردىمانى ھەرقايسى دۆلەتلەردە غۇلغۇلار قوزغىغىنىدەك، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بىز ئۇيغۇر جاما’ئىتى ئارسىدىمۇ تەسىر قوزغاشقا باشلىدى. تەبى’ئىكىي، ئۇيغۇرلارنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتا ھېسداشلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك. بۇنىڭ سەۋەبى نوقۇل ھالدا ئىككى خەلقنىڭ دىنىي قېرىنداش بولىشىدەك رى’ئاللىقتىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرخەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىياسىي زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېسياتىنى ئورتاقلاشقانلىقىدۇر. پەلەستىن خەلقىمۇ ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى بولغان ئىنسانىي ھەققى ۋە خەلقلەرنىڭ سىياسىي ھۆرلۈكىنىڭ ئۇل تېشى بولغان ئىستىقلال ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. بۇ ھەر ئىككىلى خەلقنىڭ ھەقلىق مۇجادىلىسى. مەن بۈگۈنكى بۇ يازمامدا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئوبكت قىلىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بىرقانچە سو’ئال ئۈستىدە توختالماقچىمەن.

ئىسرا’ئىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى قانۇنىي ئاساسقا تايانغانمۇ؟

ئىسرا’ئىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ھەجۋىي ئاساسقا تايانغان. يەنى، <<2000 يىل بۇرۇن بىزنىڭ كۆكۈ بوۋىمىزنىڭ كۆكۈ بوۋىسى بۇ رايوندىن رىملىقلار تەرىپىدىن قوغلانغان، بىز ئۆز دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدۇق. شۇڭا 2000 يىلدىن بېرى تەخمىنەن 100 ئەۋلات بۇ رايوندا ياشاپ كەلگەن ئەرەپلەر زىمىننى بوشىتىشى كېرەك>> دېگەن ئىدىيە ئىسرا’ئىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىدولوگىيە پەلسەپىسى بولغان زايىنىزىمنىڭ (زىئونىسم) يادروسىدۇر. ئەگەر بۇ ئىدىيەنى مەنتىقىلىق ۋە قانۇنلۇق دەپ قارايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت چىگراسىنى قايتىدىن سىزىشى لازىم. ئامېرىكا، ئاۋۇستىرالىيە، كانادا… دېگەن دۆلەتلەر ئىندى’ئانلارغا قالدۇرۇلۇشى لازىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىتالىيەلىكلەر ئەنگىلىيەنى قايتۇرىۋېلىشى كېرەك، چۈنكى 2000 يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ كۆكۈ بوۋىسىنىڭ كۆكۈ بوۋىسى شۇ زىمىنلاردىمۇ ياشىغان. شۇنداق، ئىسرا’ئىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپەسى ئەنە شۇنداق ”ئاساس“قا تايانغان. كۆزدىن ئاسان قاچىدىغان نۇقتا بولسا، ئەمەلىيەتتە، ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئەنە شۇنداق بىمەنە نەزەرىيەلەرگە تايانغان. نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن ئامېرىكا مەركىزى ئاخپارات ئىدراسىنىڭ سابىق خادىمى مايكىل شورنىڭ (مىچائەل سچەئۇئەر) <<دۆلەتلەر قانۇنىي ئاساسىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۈتتۇر>> دېگەن سۆزىنى مىسال ئالاي. بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ناھايىتى كەڭ دا’ئىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچى بولۇشى كېرەك. قانۇنىي ئاساسىي بولۇش شۇ كۈچلەر ئىچىدىكى يۇمشاق كۈچنىڭ بىر ئامىلىدۇر خالاس. دۆلەتلەر مۇشۇ كەڭ دا’ئىرىلىك كۈچىدىن ئايرىلغان ھامان مەۋجۈتلىقىنى يوقىتىدۇ.

ئىسرا’ئىلىيە يوقۇلامدۇ؟

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسرا’ئىلىيەمۇ باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە ئوخشاش (يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك) دۆلىتىنى مەۋجۈت شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇش كۈچىدىن ئايرىلغان كۈنى يوقۇلىدۇ (ئەلىۋەتتە ئۇنىڭ كۈچىنىڭ  غايەت زور قىسمىنىڭ غەرپ دۆلەتلىرىدىن كېلىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم). تارىخقا قارايدىغان بولساق، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھامان يىقىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. قەدىمكى دەۋىر، ئوتتۇرا ئەسىر، ئىمپىرىيەلەر دەۋرى ۋە بۈگۈنكى دەۋر دېگەندەك تەرەققىياتلارنىڭ جەريانىغا قارىغاندا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى تەشكىل قىلىپ تۇرغان بۈگۈنكى دۇنيا سېستىمىسىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى يوقۇلىدىغانلىقىنى  ۋە ئورنىنى يەنە بىر سېستىمىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى ”ئەتىكى دەۋر“ ھامان يېتىپ كېلىدۇ. ئەمما قاچان؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇنىڭغا يەنە ئۇزۇن جەريان كېتىشى مۇمكىن.

بىر دۆلەتنىڭ ئىسرا’ئىلىيەنى ۋەيران قىلىپ يوقۇتۇشىنى قوللاش بولسا بىز ئالدىراپ قارار چىقىرىدىغان مەسىلە ئەمەس. <<يوقالسۇن ئىسرا’ئىلىيە!>> شو’ئارىنى توۋلىغۇچىلار بولسا ھېندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تىنىچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى گاندىنىڭ كېيىنكى يىللاردا پاكىستان ئۆزىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغىنىدا دېگەن ماۋۇ سۆزىنى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك: ”مەن پاكىستان دېگەن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساس بارلىقىنى ئېتراپ قىلمايمەن، ئەمما پاكىستاننىڭ قۇرۇلۇشىنى مېنىڭ ئېتراپ قىلىشىم كېرەك بولغان بىر رى’ئاللىق دەپ قارايمەن“. سۈلھى دوستلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، بەلكى دۈشمەن بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ. (قۇرۇلۇشى ئۈمىد قىلىنغان)پەلەستىن دۆلىتى بىلەن ئىسرا’ئىلىيە دۆلىتى بىر-بىرىنى دۈشمەن دەپ كۆرسە سۈلھى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇرۇش قىلىش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش.

بىز قانداق پوزىتسىيە تۇتىشىمىز كېرەك؟

بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسرا’ئىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلىۋاتقان جىنايىتىنى ئەيىپلەشكە ھەقلىقمىز. ئەمما، بۇنىڭدا خەلق بىلەن دۆلەت سىياسىتىنى ئايرىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئىجدىما’ئىي ئالاقە تورلىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان پەلەستىن توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى كۈزەتكىنىمىزدە، غەززەدە ئىسرا’ئىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانلىق جىنايىتىگە بارلىق يەھۇدىي خەلقىنى جاۋاپكار كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن خاتا ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك  قاراشنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. ھەربىر بىگۇناھ ئىنساننىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ياكى قەتلى قىلىنىشى قانچىلىك دەرىجىدە خاتا بولسا، بىگۇناھ ئىنسانلارباشقا ئىنسانلار سادىر قىلغان جىنايەت سەۋەپلىك زۇلۇمغا ياكى كەمسىتىشكە ئۇچرىشىمۇ شۇ دەرىجىدە خاتالىقتۇر. بۇ خىل بىر گۇرۇپپا ئىنساننىڭ جىنايىتىنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرۈۋېلىش ئېڭىمىزغا ئېرقچىلىقتىن ئىبارەت فاشىست ئىدىيەنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە بىر ھەقىقەت بولسا، دۇنيادىكى ھەممىلا يەھۇدىي ئىسرا’ئىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان سىياسىتىنى قوللىمايدۇ. دۇنياغا تونۇلغان ئاكادىمىيە-ئىلىم دۇنياسىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھېسداشچىسى خارۋارت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە ۋە سىياسىي پەنلەر پىروففىسورى دوكتۇر نورم چومىسكىينىڭ(نورم چومسكي)، ئىسرا’ئىلىيە دۆلەت سىياسىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تونۇلغان تەنقىتچىلىرىدىن بىرى بولغان چىكاكۇ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر نورمان فىنكىلىستېيننىڭ(نورمان فىنكلەستەئىن) ئېتنىك كېلىپ چىقىشى يەھۇدىي بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە 2002-يىلى ئىسرا’ئىلىيە ئارمىيىسىنىڭ پەلەستىننىڭ جېنىن يېزىسىدىكى سىياسىي پاناھلانغۇچىلار لاگىرىدا 1300دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى قىرىپ تاشلىغانلىقىغا قارشى ئەڭ چوڭ نامايىشنىڭ باشقا يەردە باشقا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى دەل ئىسرا’ئىلىيەنىڭ پايتەختى تەلئەۋىۋدە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى يۇقۇرىدىكى ھەممە يەھۇدىينى ئەيىپلەشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمىمىزگە ئوكيان ئىچىدىكى ئۈچ تامچە سۇچىلىك پاكىت بولۇش رولىنى ئوينىيالىشى مۇمكىن. پۈتۈن يەھۇدىيلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك ئىپادىلەشنىڭ بىزگە نىسپەتەن خەتەرلىك تەرىپى ئىككى نۇقتىدا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بىرىنجىسى ھېلىمۇ ئورتاق بىر ئىدولوگىيەگە ساھىب بولمىغانلىقتىن ئومۇمىي ھەرىكەت ئېڭى جەھەتتە چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىنىڭ ئاڭ جەھەتتىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ تەرىپىنى تۇتىدىغان بۆلەك ۋە ئىسرا’ئىلىيە تەرىپىنى تۇتىدىغان (ھېچ بولمىغاندا خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايلى دەپ كۆزىنى يۇمىدىغان) تەرەپتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئىككىنجىسى بولسا بىردىنبىر يۇمشاق كۈچىمىز بولغان خەلقئارا جاما’ئەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىمىزنى ئۈزۈپ تاشلىشىدۇر. بىز بۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.

جەمى’ئىتىمىزدىكى (ۋەتەن ئىچىدىكى) ئىسرا’ئىلىيە ئەندىزىسىگە بولغان پىكىرلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ ئاساسەن ھېسياتقا تايانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خەلقىمىزنىڭ ئىسرا’ئىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى توغۇرلۇق ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەنبەسى خىتاي ئىچىدىكى ئاخپارات ۋاستىلىرى ياكى دىنىي سورۇنلاردىكى بەزى ھېسياتچان كىشىلەرنىڭ نۇتۇقلىرى بولسا يەنە بىرگە چەتئەل كۆرگەن زىيالىلىرىمىزنىڭ ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدىكى يازمىلىرىدۇر. خىتاي ئاخپارات ۋاستىلىرى ۋە دىنىي سورۇنلاردىكى بەزى ھېسياتچان كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە خەلقىمىزنىڭ بەلگىلىك قىسمىدا ئۆمرىدە بىر يەھۇدىينى كۆرمەي تۇرۇپ پۈتۈن يەھۇدىيلارغا ئۆچ بولۇپ قالىدىغان ھادىسە شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بەزى زىيالىلىرىمىزنىڭ قارىسىغىلا ئۇيغۇرلارنى يەھۇدىيلار بىلەن سېلىشتۇرىشىمۇ جەمى’ئىتىمىزدە بەلگىلىك تەتۈرنەتىجە بېرىپ، يەھۇدىيلارغا قارىتا چۈشىنىش ئەمەس بەلكى ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىپ قويدى. چۈنكى، ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلانىڭ بەزى زىيالىلىرىمىزنىڭ قەلىمىدە يەھۇدىيلارغا سېلىشتۇرۇلۇشى زىيالىلىرىمىزنىڭ يەھۇدىي خەلقىنىڭ تارىخىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە يەھۇدىيلاردىن ئۈلگە بېرىئىشى زىيالىلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھېسياتىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. مەن ئىلگىرىكى يازمامدا يەھۇدىيلار كۈلتۈرىدىن  ”ئىلغار“  ئادەتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىشنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسى بارلىقىغا قارىتا گۇمانىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. خەلقىمىزگە كېرىكى، يەھۇدىيلارنى ماختاپ بېرىشمۇ ياكى يامان قىلىپ دۈشمەن كۆرسۈتۈشمۇ ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىغا ئا’ئىت ماتېرىياللارنى كۆرۈش پۇرستى يارىتىپ بېرىشتۇر. ئەنە شۇندىلا، بىزنىڭ يەھۇدىي خەلقى بىلەن ئوخشاشلىقىمىز بار يوقلىقىنى خەلقىمىز ئۆزى بىلىپ يېتەلەيدۇ.

سىياسىي تەشكىلاتلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىسرا’ئىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى  ئۆزىنىڭ سىياسىي پەلسەپەسى ۋە مۇناسىۋەتلىرىدە بىر يېرىم مىليارد نوپۇسلۇق مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە كۈچلۈك غەرپ دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىمتىھانىدۇر. ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ بىرىگە قىيىپ كېتىش بىزنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ھەرىكىتىمىزگە زور زىيان سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتلىرىمىز بۇ مەسىلىدە ئامال بار ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك يولىنى داۋام قىلىشى لازىم. ئەمما بەزىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، بۇخىل ئەھۋاللار تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سىياسىي پەنلەر بويىچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا ئولتۇرغان ۋاقتىدۇر. ئىمتىھان قەغىزىدىكى ھەربىر تاللاش سو’ئالى خاتا جاۋاپ بېرىشكە بولمايدىغان ئومۇمىي ھەرىكىتىمىزنىڭ جانىجان مەنپە’ئىتىگە تاقىشىدىغان نازۇك ھالقىدۇر.
مەنبەسى: http://yashlarawazilatin.com/2012/11/21/yoqalsun-israilye/#more-323

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …