سىياسى سۈيقەستتىن پەخەس بولايلى

     ھەرقانداق بىر ساۋاتلىق ئۇيغۇر ۋەتەن سىرتىغا  چىقىپ مۇنتىزىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، يېقىندىن مۇناسىۋەت قىلسىلا ئۈچ يىلدىن  بەش يىلغىچە بولغان ئارلىقتا سىياسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ قانداق شەكىلدىكى، قانداق يۆنۈلۈشتىكى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ  ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەرىكىتىگە قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىنى، خىتاي _ ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكلەنلىكىنى خېلە ئوبدانلا پەرق ئېتەلەيدۇ. بەلكى ئۆزى ئەزا بولغان تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسنى، پىروگراممىلىرىنى، تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئىنجاسىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن بولىدۇ. شۇ قاتاردا  كىمنىڭ توغرا، دادىل، كىمنىڭ ساختىپەز، كاززاپ، كىمنىڭ ۋەتەن دەۋاسىنى دەسمى قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ھەۋەس، ئابروي ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ ھەقىقى مىللەتچى ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ  دەۋانى كۇچلەندۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، كىملەرنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ يېتەلەيدۇ.

       ئەپسۇسكى، « د ئۇ ق » نىڭ  مەركىزى جايلاشقان، ياۋرۇپا  بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ ئىلگىرى  تەشكىللەنگەن مىيونخىندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، « ئۇيغۇر جامائەتلىرى » قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكى بىر قېتىم ئوچۇق يۈزىنى كۆرسەتكەن بولدى.

      2012- يىلى ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ  بىر توپ كىشىلەر ئۆيمۇ- ئۆي قۇتراپ يۈرۈپ، ئېغۋا توپلاپ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنى تاقىتىش، تەشكىلاتنىڭ رەئىسىنى« د ئۇ ق» ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ھەيدەپ چىقىرىش، تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ خادىملىرى بولغان، مىيونخىن شەھرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق كىشىلەردىن ئابدۇرەھىمجان، ئالىمجان مەمەت قاتارلىق ھەقىقى مىللەتچى كىشىلىرىمىزگە زەربە بېرىش  تەلىپنى« د ئۇ ق» رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە « د ئۇ ق» رەھبەرلىرى  بەجا كەلتۈرۈپ بەرمىسە، ئۆزلىرى چارە- تەدبىر قوللۇنۇش _ دېگەندەك، چېكىدىن ئاشقان قوپال ۋە رەزىل تەلەپلەرنى يەڭ ئىچىدە يوشۇرۇن تۇتۇپ، ئىپتار، نەزرە- چىراق داستۇرخانىغا توپلاشقان خەلق ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاق قەغەزگە ئىمزا قويدۇرۇپ، جامائەت نامىنى رەزىل تەلەپلىرىگە نىقاپ، قالقان قىلىپ قوللاندى. بۇ تۈر رەزىل، ئىنسانى ئەخلاقتىن يىراق، خىيانەتكار سۈيقەستلىك قەبىھ ھەرىكەتنى پىلانلاپ ئىشقا ئاشۇرۇشتا « د ئۇ ق » نىڭ بەزەن ئەرباپلىرىمۇ، بىر قىسىم دىنى تونلۇق زەھەر خەندىلەرمۇ ئىنتايىن  ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

     ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مەزكۇر قەبىھ ، زەھەرخەندىلىك قىلمىشنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق ھەرىكىتى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئاسىلىق قىلمىش – دەپ بېكىتىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر قەبىھ ھادىسىگە قەستەن، بىلىپ تۇرۇپ ئاۋاز قوشقان، ئۇنى غەرەزلىك قوللىغان، تەشكىلاتىمىزغا دۈشمەنلىك پوزتىسيەسىدە بولغان كىشىلەرنى تاشقى دۈشمەن قاتارىدا باھالايدۇ. ئۇلارنىڭ  قىلمىشى شۇنى ئىسپاتلايدۇركى: ئۇلار مۇخالىپەتچى، ئىچكى رىقابەتچى دائىرسىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئوچۇق – ئاشكارە نىزامنامىسىگە قەيت قىلغان، ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرۈش قىلىشنى قىبلەنامە قىلغان بىر ھەرىكەتكە قارشى تۇرغۇچى، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار  ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدىغان خەلق ئاممىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئازاتلىق ھەرىكىتىنى يېتەكلەيدىغان بىر تەشكىلاتقا قارشى قوللانغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىمزالىرى بىلەن ئىسپاتلاندى.

    ئۇلار مەزكۇر قەبىھ ئويۇننى پىلانلاپ ، ئىمزا توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق،  مىيونخىن شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدە كۆڭۈلسىزلىك، ئارازىلىق پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ مەزكۇر قىلمىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق ھەرىكىتىنى ئاممىدىن ئايرىش، يىتىم قالدۇرۇش سۈيقەستىنىڭ بىر قېتىملىق ئىجرائاتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مەزكۇر ھۇجۇمغا ھۇشيارلىق بىلەن تاقابىل تۇردى ۋە سىياسى جەھەتتىن سەزگۈر پوزتىسيە بىلدۈردى. شۇنداقلا دۈشمەن بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلدى.

    شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمىزكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق ھەرىكىتى كېيىنكى بەش يىلدىن بېرى، « ئالدى بىلەن مەقسەت – مۇددىئانى دۇنيا ئەھلىگە ئاڭلىتىش، ئاندىن ئازاتلىق يولى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش» پىلانى بويىچە، «  (NED)   The National Endowment for Democracy  _  خەلقئارا دېمۇكراتىيەگە ياردەم  فوندى »  بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشقا مەجبۇرلانغان ئىدى. مەزكۇر فوند  « د ئۇ ق » باشچىلىقىدىكى بىر قانچە تەشكىلات، جەمئىيەتلەرگە يىلدا  بىر مىليون دوللەرگە يەتمىگەن ئازغىنە ھەديە بىلەن، بىر قانچە « دەۋاگەر» لەرنىڭ ئايلىق مائاشىنى، ئىشخانا ئىجارىسىنى تۆلەش بەدىلىگە، مەزكۇر تەشكىلات، جەمئىيەتلەرنىڭ ئاغىزىدىكى « ئازاتلىق، مۇستەقىللىق » دەيدىغان كەلىمنىى تارتىۋالغان بولدى. ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى « د ئۇ ق » قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ  NED  فوندىدىن ياردەم ئېلىشىنى ئەلۋەتتە قوللايدۇ. چۈنكى « ۋەتەن دەۋاسىنى دۇنيا ئەھلىگە ئاڭلىتىش» دېگەن بۇ تۈر پىلاننىڭ نەتىجىسى ئاسانلىقچە كۆزگە كۆرۈنمىگەنلىكى، قەدىمىنىڭ بەك ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۈر پىلانغا خەلقىمىزدىن ئىئانە- ياردەم توپلاشنىڭ ئۆزىلا ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچنى خورىتىدىغان، كۇچكە ئىھتىياجلىق بولغاندا ھالسىراپ قالىدىغان ھادىسىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بۇنچىلىك ياردەم پۇلغا پۈتۈن ھەرىكەت ئېقىمىنىڭ باغلىنىپ قېلىشىنى، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالماسلىقىنى، بارلىق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ نىزامنامىلىرىدىن ئازاتلىق، مۇستەقىللىق _ دېگەن بۇ مۇقەددەس شۇئارنى ئېلىۋېتىشىنى، شۇنداقلا چەتئەللىكنىڭ تېگى كۆرۈنمەس، ئارقىسى قاراڭغۇ ياردەملىرىگە تولۇق بېقىنىپ، ئۆزلۈكسىز يىمىرلىپ يوقاپ كېتىشىنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ! بەلكى ئۇنداق چەتئەللىك ياردەمچىلەرگە قارىتا پەخەس بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

    يوقۇردىكى بىر قاتار بايانلاردىن شۇنى ئېنىق بىلىشكە ئۈندەيمىزكى، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ۋەتەن سىرتىدىكى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىگە قارشى تۇرمىدى ۋە قارشى تۇرمايدۇ. شۇنىڭدەك ھېچقانداق بىر تەشكىلاتقا مۇخالىپەتچىلىك قىلمىدى ۋە قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا قارشى ھۇجۇم قوزغىغان، تەشكىلاتىمىزنى تاقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، تەشكىلاتىمىزغا قارشى ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، قەستەن، ساختا ئاتالمىىش « جامائەت قوشۇنى» پەيدا قىلغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى قارنىيەت، زەھەرخەندىلەردىن پەخەس بولۇشنى « د ئۇ ق » رەھبەرلىرىدىن، كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئۆتۈنىمىز.

_____________________

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ئەزا  بولۇشنى خالىغانلارغا  2012 – يىلى 22- سىنتەبىردىن ئىتىبارەن ئىشىك ئوچۇق. دۆلەت تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ. باشقا تەشكىلاتقا ئەزالىق بەدىلى ئۆتەيدىغانلاردىن بەدەل پۇلى ئېلىنمايدۇ.

ئۇ ئا ت  تەشۋىقات بۆلۈمى

2012 – يىلى 27 – سىنتەبىر

مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ …