بايانات

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك نۇرغۇن تەشكىلاتلىرىمىز بار. بەزى تەشكىلاتلار خەلقئارالىق ئىمتىيازغا ئېرىشتى. بەزى تەشكىلاتلار ئۆزىگە يارىشا تونۇلدى. شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت، شەھەر دائىرىسىدە، يەرلىك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بېجىرىدىغان، يەرلىك ئاساسى قاتلامغا ئوخشاش ھالغا كېلىپ بولدى. ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ زۇلمى ئېشىپ، ئىرقى قىرغىنچىلىق دەۋرىگە كىرگەنچە، چەتئەلدىكى ئون …

تەپسىلاتى »

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز – ئارا ئورتاقلىشىپ، تەڭ كۈلۈپ، بىرگە يىغلاپ، تەڭ ياشاپ، بىرگە ئۆلۈپ تارىخلارنى بېسىپ بۈگۈنگە كەلگەن، ئېسىل، ئاقسۆڭەك بىر مىللەت ئىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى مۇشۇ مىللەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ھەرگىز يوقالمايدۇ. ئۆزى ئارامخۇدا غەربنىڭ مۇھىتىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ، مىللەتنىڭ قايغۇسىنى ئۆز غېمىم – دەپ، مىللەت بىلەن بىرگە …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرەيلى

  ئۇيغۇر دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بېرەيلى ئۇيغۇرلار، ھۇنلار، تۈركلەر بىر ئاتا، بىر ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شاخلىنىپ چىققان، قان قېرىنداش خەلقتىن كۆپىيىپ، كەڭىيىپ دەسلىۋىدە جامائە، ئۇرۇق، قەبىلىگە ئايرىلغان. بۇ ئۈچ قېرىنداش قوۋم شەرقى جەنۇپتا چىن سىپىلى قورشىۋالغان سېرىق دەريا رايونلىرىدىن، شەرقتە ياپون دېڭىزى، شىمالدا ئالتۇن ئوردا، غەربتە قىپچاق ۋادىسى، لاداخ، ئالتۇن تاغ رايونلىرىغىچە بولغان تۇپراقلاردا سەلتەنەت قۇرۇرپ شەھەر سورىغان. بۇ ئۈچ قوۋمنىڭ قايسى …

تەپسىلاتى »

جىددى چاقىرىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرىستانلىق قىرىنداشلار، ئىككىن كۈندىن بۇيان 《ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى》 ناملىق بىر گۇرۇھ، چەتئەللەردە ئىلھام توختى ئىدىىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ۋە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېلان قىلىغان بايانات ئوتتۇرىغا چىقىپ، بارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەسكىن غۇل – غۇلا قوزغىدى . كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتكەن مەزكۇر بايانات، بىر قانچە يىلدىن بۇيان《ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپى》شەكلىدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جەمئىيەت كوللېكتىپىنى ئۆزگەرتىپ …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق باياناتى

شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق باياناتى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشكىلاتنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرى ، تۆۋەندە مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق (ئۇيغۇرستانلىق)  ۋەتەنداشلارغا ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى قارارلانغان تەشكىلاتىمىزنىڭ 1- نومۇرلۇق قارارىنى ھەرقايسىڭلارنىڭ دىققىتىگە  سۇنماقچىمەن . تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇ ئومۇمى قارارنى جاكارلىغان ۋاقتى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئۇيغۇرلار پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، تاجاۋۇزچى خىتتاي ھاكىميىتى مىللىتىمىزنى تامامەن قىرىپ يوقۇتۇپ، …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ “ 2020- يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈگۈتۈش يىلىدۇر“ توغرۇلۇق باياناتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار. مۇستەملىكىچى ۋە زوراۋان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا قەدەم باسقاندىن باشلاپ ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن بىر ۋەھشى جىنايەتنى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە، خۇسۇسەن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى مىللىتىمىزنى تۈپتىن تولۇق يوقىتىش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي رەجىمىنىڭ بۇ ۋەھشى زوراۋانلىق جىنايىتىنى، پۈتۈن غەرب دۆلەتلىرى ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى توغرىسىدا بايانات

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى توغرىسىدا بايانات مۇشۇ ئاينىڭ 27. كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېتى، جىددى يىغىن ئېچىپ، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. زوراۋان، خىتاي  مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەۋرىگە كىردى. ۋەتەن ئىچىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، خەلقىمىزنىڭ دەردى ھالىنى، ئەرز-  شىكايەتلىرىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇم ئىسكەنجلىرىنى دۇنيا ئەللىرىگە يەتكۈزۈش، …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى پارىج خىتاپنامىسى

شەرقى تۇركىستان مەجلىسى ۋە شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى 30-سەنتەبىر كۇنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدا رەسمى قۇرۇلدى. 20 دولەتتىن كەلگەن 200 نەپەر ۋەكىلنىڭ (شەرقى تۇركىستان جۇمھۇريىتى سۇرگۇندىكى ھوكۇمىتى ۋەكىللىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئىككى تەشكىلى ئورگان، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ بىردىن بىر شەرتى ۋە كاپالىتى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىدۇ. بىزنىڭ كۇرەش نىشانىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق …

تەپسىلاتى »

شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەييارلىق كومىتېتى

شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەييارلىق كومىتېتى 《19032018 نومۇرلۇق بايانات》 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە ئىنايىتى بىلەن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمىدىن ئازات قىلىش، ئەزىز مىللىتىمىزنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەر قايسى ئەللەردە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، دەۋا يولىدىكى بىر تۈركۈم غوللۇق ۋەكىللەرنىڭ گوللاندىيەدە بىر ئارىغا جەم …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 3- نومۇرلۇق باياناتى

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتى ( 3- نومۇرلۇق بايانات ) 25112017 مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز ۋە مۆھتەرەم ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار. ھەر بىرىڭلار بىلەن جىددى ئورتاقلاشماقچى بولغان  قارارىمىزنى، تەشكىلاتىمىزنىڭ 3 .نومۇرلۇق باياناتى ئارقىلىق، دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تارىخىدا، دۈشمەنگە يېڭىلگەن ھەر قانداق بىر دەۋرىنى كۆزدىن كەچۈرسەك، دۆلەت تەختىدە ئولتۇرغان ھۆكۈمراننىڭ لاياقەتسىزلىكى،تەخت تالىشىش ماجىراسى، شۇنىڭدەك قەلئە ئىچىدە تۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە ماسلىشىدىغان مۇناپىقلار مەغلۇبىيەتنىڭ، زاۋاللىقنىڭ سەۋەبى بولۇپ …

تەپسىلاتى »