خەۋەر

شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىڭ 1-قېتىملىق پەۋقۇللاددە يىغىنى

2020-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىج شەھرىدە شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ساھىپخانلىغى ۋە بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىڭ 1-قېتىملىق پەۋقۇللاددە يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا شەرقى تۈركىستان مەجلىسىنىڭ رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى،ۋە مەجلىس رەھبەرلىرى شۇندالا شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى خەلىققارالىق قانۇن پەنلىرى ماستېرى ئابلاجان لەيلىنامان، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلك رەھبەرلىرىدىن …

تەپسىلاتى »

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ميۇنخېن شەھىرىدە ئىپتارلىق بەردى(RFA)

  «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىپتار پائالىيىتىدە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەتلەردە بولدى. 2015-يىلى 30-ئىيۇن. RFA/Pidaiy 2015‏-يىلى 30‏-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، رامزان ئايلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تەشكىلات ئەزالىرى …

تەپسىلاتى »

مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن(RFA)

تۈركىيە پارلېمنت ئەزالىرى ئۇيغۇرىستان چېدىرى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە   2015 – يىلى 13 – ۋە 14 – ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر نامى قوللىنىلغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پائالىيەت گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك جەمئىيەتلىرى بىلەن «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن. «ئۇيغۇرىستان …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن، ئۇشاكلىلار دەرنەگى مىللى گۆرۈش تەشكىلاتى ، كارادەنىز تەشكىلاتى ، دىيانەت ئىشلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ۋە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى . ئۇلارغا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا ھەمكارلىشىش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى . ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات ئورنى رەئىسى, دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ۋە شەرقى ئاسىياغا مەسئۇل ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھاممەت ھاشىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى بېسىلدى. يۇكان فۇجى گېزىتى مەخسۇس دوكتۇر تۇرمۇھاممەت ھاشىمغا “ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى” دىگەن بىر مەخسۇس مۇلاھىزە بېتى ھازىرلاپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇيغۇرىستان توغرىلىق ماقالە يېزىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. …

تەپسىلاتى »

رابىيە خانىم باشچىلىغىدىكى ھەيئەت گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىگى تەشكىلاتىدا زىيارەتتە

2015-يىلى 25-ئاپرىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەشكىل تاپقان رابىيە خانىم باشچىلىغىدىكى ھەيئەت گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىگى تەشكىلاتىدا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت جەريانىدا گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىگى تەشكىلاتىدىن ياۋروپانى مەركەز قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ تەشكىلى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى  

تەپسىلاتى »

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى گوللاندىيە پارلېمېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى

9-مارت گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى گوللاندىيە پارلېمېنت ئەزاسى ھارري ۋان بوممەل بىلەن كۆرۈشتى. ھارري ۋان بوممەل گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ باياناتچىسى شۇنداقلا سوتسىيال دېمۇكىراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلېمېنتىدىكى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى،ھەم ئەزاسى. ئەتىگەن سائەت 10:30 دە باشلانغان قوبۇل قىلىش 2 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ سۆھبەت جەريانىدا بولۇپمۇ 2014-يىلى ۋەتىمىز ئۇيغۇرىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق باشتۇرۇشلار ئۈستىدە تەپسىلى بايان قىلىش بىلەن بىرگە سىياسى پانالىق …

تەپسىلاتى »

خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى مەسچىتلەرگە قەدەر سىڭىپ كىرىشى

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى ھاجى قۇتلۇق قادىرى خەۋىرى 2015-02-18   توكيو مەسچىتى ئىمامى: «ئىككى نەپەر خىتاي ئايال دىپلوماتى مەسچىتىمىزگە ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە كەلدى» توكيو مەسچىتى ئىمامى مۇھەممەد جۈمە نامىزى خۇتبىسىدە. 2015-يىلى، ياپونىيە. RFA/Qutluq توكيو مەسچىتى ياپونىيەدىكى تارىخىي ئۇزۇن مەسچىتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ مەسچىتتە تۈرلۈك سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. يېقىندىن بۇيان …

تەپسىلاتى »

گوللاندىيەدە 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن شۇنداقلا بېلگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەر يىلدىكىدەك بۇ يىلمۇ 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىغىنى خاتىرىلەش، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھائاگ شەھرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولۇپ، كۆك بايراقلارنى يەنە بىر قېتىم لەپىلدەتتى. شۇنداقلا ھەممە بىردەك «غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» «خىتايلار دۆلەت تېرورىنى توختاتسۇن» «شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» «ئىنسانىيەت قاتىلى خىتايلار» «سىياسى مەھبۇسلارنى تۇرمىدىن …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى(RFA)

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائى خەۋىرى 2015-01-26 بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە. بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە. 24-يانۋار شەنبە كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتكە بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە …

تەپسىلاتى »