Author Archives: خەمىت قادىر

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

IMG-20150712-WA0002

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىگىنى ساقلاپ قېلىش،شۇنداقلا ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەققىلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر پىدائىيلارنى يېتىشتۇرۇش ، ھەمدە گوللاندىيەدە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭ دىنىمىز ئىسلام بويۇچە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. 2013-يىلى يانۋار ئېيىدا مائارىپ جەمىيىتى ئۆزلىرى ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىشخانا،ياتاق،مەسچىت مۇجەسسەملەشكەن بىنانى سېتىۋېلىش قارارىنى ئالغان بولۇپ ،شۇندىن ...

داۋامىنى كۆرۈش »

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ميۇنخېن شەھىرىدە ئىپتارلىق بەردى(RFA)

Unbenannt-1

  «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىپتار پائالىيىتىدە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەتلەردە بولدى. 2015-يىلى 30-ئىيۇن. RFA/Pidaiy 2015‏-يىلى 30‏-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، رامزان ئايلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تەشكىلات ئەزالىرى ...

داۋامىنى كۆرۈش »

گېرمانىيەدىكى ئىپتارلىق

Unbenannt-1

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى 29-ئىيۇن ئىپتار سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى.ئىپتار سۆھبىتى توغرىسىدا توختالغان ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن  تۆۋەندىكىدەك 3 نۇقتا بويىچە ئىزاھات بەردى. 1.بۇ يىل رامىزان ئېيىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرىستاننىڭ گۇما ناھىيەسى شۇنداقلا قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە شەھىد قىلىنغان،ھەمدە ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەققىلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ شەھىد بولغان مۇستەققىللىق جەڭچىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇران تىلاۋەت قىلىش ئىكەنلىگى 2. 2012-يىلى مىيونخېن شەھرىدە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ...

داۋامىنى كۆرۈش »

مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن(RFA)

IMG-20150614-WA0078

تۈركىيە پارلېمنت ئەزالىرى ئۇيغۇرىستان چېدىرى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە   2015 – يىلى 13 – ۋە 14 – ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر نامى قوللىنىلغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پائالىيەت گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك جەمئىيەتلىرى بىلەن «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن. «ئۇيغۇرىستان ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى تەڭگىسى توغرىسىدا

4917684122373-1427445262

جۇمھۇرىيەت تەڭگىسى توغرىسىدا مەزكۇرجۇمھۇرىيەت تەڭگىسىنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى خەت ۋە رەقەملەر ئۈستىدە ، قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. تەڭگىنىڭ ئوتتۇرا مەركىزى قىسمىدىكى، ئىككى تەرەپتىن يۇمۇلاق ئايلىنىپ، يۇقىرى تۇتىشىدىغان نۇقتىسىدا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەكىل – دۆلەت گىربىدۇر. گىربنىڭ ئىچكى قىسمىدا شۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان : « ملتى اسلامىيە » ( يەشمىسى : مىللەتى ئىسلامىييەھ ) ئىسلام مىللەتى، دېگەن ...

داۋامىنى كۆرۈش »

خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى مەسچىتلەرگە قەدەر سىڭىپ كىرىشى

D-MOSCHEE10

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى ھاجى قۇتلۇق قادىرى خەۋىرى 2015-02-18   توكيو مەسچىتى ئىمامى: «ئىككى نەپەر خىتاي ئايال دىپلوماتى مەسچىتىمىزگە ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە كەلدى» توكيو مەسچىتى ئىمامى مۇھەممەد جۈمە نامىزى خۇتبىسىدە. 2015-يىلى، ياپونىيە. RFA/Qutluq توكيو مەسچىتى ياپونىيەدىكى تارىخىي ئۇزۇن مەسچىتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ مەسچىتتە تۈرلۈك سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. يېقىندىن بۇيان ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى(RFA)

3

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائى خەۋىرى 2015-01-26 بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە. بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە. 24-يانۋار شەنبە كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتكە بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ھەيىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جامائېتى بىلەن سىياسى سۆھبەت ئۆتكۈزدى

IMG-20150127-WA0007

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ھەيىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جامائېتى بىلەن سىياسى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

داۋامىنى كۆرۈش »